زۇلۇمغا قارشى بىرلىك سەپ نامايىشى

2011‏-يىلى 16‏-نويابىر گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا زۇلۇمغا قارشى بىرلىك سەپ نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

دىكتاتور كوممۇنىست تۈزۈمىنىڭ دەردلىرىگە چىدىمىغان ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدە، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ئىسيانلىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ۋە شۇ ئارقىلىق زۇلۇم-مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلىۋاتقان تىبەت مۇرىتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، بۇ خىل قەبىھ ھەرىكەتنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈستىدىن خەلقئاراغا مۇراجىئەت قىلىش مەقسىتىدە توپلانغان ياۋروپادىكى تىبەت مۇرىتلىرى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى UNPO بىلەن تەقدىرداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە دېموكراتچى خىتايلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 2011‏-يىلى 16‏-نويابىر گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا زۇلۇمغا قارشى بىرلىك سەپ نامايىشى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتكە يەرلىكلەرمۇ قاتناشتى.

Harry-Fan-Bommel-ependi-uyghurlar-bilen-385.jpg
ھارري فان بوممەل ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2011-يىلى 16-نويابىر، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا تىبەت مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 200 گە يېقىن ئادەم پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا تۈرلۈك مەزمۇنلاردا شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈستىدىن دات ئېيتتى.

گوللاندىيىدىكى ھۆكۈمىتىنى ئىدارە قىلىۋاتقان ۋە پارلامېنتتا خىزمەت ئۆتەپ كېلىۋاتقان پارتىيىلەردىن VVD, PVV, D66, GROENLINK, SP, CDA قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى چىقىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە يۈز بەرگەن ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بۈگۈنى، ئاسىيادىكى دىكتاتورلارنىڭ ئەتىسى بولىدىغانلىقى بىلەن خەۋەر بېرىپ سۆز قىلدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بەختىيار ناسىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، SP پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى خارى فان بوممېل ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ گوللاندىيىدە كۈچىيىشى ئۈچۈن، تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن خىتاينى دېموكراتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن مونا خانىم، تىبەت ۋەكىلى، UNPO نىڭ تىبەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇغەنىجان مامۇت ئەپەندى قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى.