0:00 / 0:00
11 - ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالما - ئاتا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاپچىلىرى ۋە تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى، ھەربىي قوماندان، گېنېرال زۇنۇن تېيىپ ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ھەر ساھەدىن بولۇپ جەمئىي 150 دەك ئادەم قاتناشتى.
گېنېرال زۇنۇن تېيىتوف ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەنگەندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ شاھىتى، تارىخچى سابىت ئابدۇراخمان ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن گېنېرال زۇنۇن تېيىتوفنىڭ ھاياتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.