ئىنقىلاب شاھىدلىرىنىڭ زۇنۇن تېيىپوف ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم

زۇنۇن تېيىپوف، 20 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر گېنېراللىرىدىن بىرى. ئۇ 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىلىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ھەربىي رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف(ئوتتۇرىدا). 1946-يىلى 8-ئاي، غۇلجا.
مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف(ئوتتۇرىدا). 1946-يىلى 8-ئاي، غۇلجا. (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

زۇنۇن تېيىپوف، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇۋىن قوماندانىلىق ۋەزىپىلەرنى ئاقتۇرغان ھەمدە 1955 - يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 60 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، 1980 - يىللاردا شۇ يەردە ۋاپات بولغان ئىدى.

ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن مەسۇمجان زۇلپىقاروف بىلەن باتۇر راشىدىنوف ئۆزلىرىنىڭ زۇنۇن تېيىپوف ھەققىدىكى ئەسلىملىرىنى بايان قىلدى.