قوي كۆزلەردە ئۆچمەس ئانا ئوبرازى

سەھنىدە، ئېكرانلاردا " مېھرىبان ئانا " ئوبرازىنى تەبىئىي، ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل سەھنىسىدىمۇ مەڭگۈلۈك ئانا بولۇپ ئورناپ كەتكەن، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تالانتلىق ئاكتيور، داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 2010 يىلى 28 - ئىيۇل كېسەل سەۋەبى بىلەن، 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

مەرھۇمە زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى، كىنوچىلىقى، سەنئەت ساھەسىدىكى پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئىدى. بىر ئۆمۈر خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا كۆپ جەبىر چەككەن، ئەجىر قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ سەنئەتكارنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇ بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا نۆۋەتتە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن " ئانا " سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان مەرھۇمە زۇنۇنقىز ئېلاخۇننىڭ سەنئەت بېغىدىكى ئەجىر مېۋىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى :

ئۆمرىنىڭ باھار ياز ھەم قىشلىرىدا، سەنئەت بېغىدا ئوخشاشلا مېۋە بېرىپ كەلگەن سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن، ياشلىقىدا "سەنەم "، كامالەتكە تولغىنىدا "چىنمۇدەن "، ياشانغاندا " ئانا" غا ئوخشاش روللاردا، بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمىغان ئۆچمەس ئوبرازلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

1936 - يىلى - 6 ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان زۇنۇنقىز ئېلاخۇن، - 1951 يىلى خۇشناۋا بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن،ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قۇرۇلغان شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنى كەسپلەشتۈرگەن ئەڭ دەسلەپكى پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.

زۇنۇنقىز ناخشىنى ياخشى ئېيتىپلا قالماي رول ئېلىشتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن شۇ يىللاردا دەسلەپ دىراممىلاشتۇرۇلغان " غېرىپ - سەنەم"، "غۇنچەم"، " قىزىل چىراق "، " كۈرەش يولى "، " گۈلنىسا" قاتارلىق دراما ۋە ئوپىرالاردا ئاساسلىق روللارغا چىقىپ، ھەر بىر ئوبرازنى خاسلىققا ئىگە قىلىپ يارىتىپ، پىشقان سەھنە ئارتىسىغا ئايلانغان. ئۇ دىراما ئارتىسى بولۇپلا قالماي يەنە، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىمۇ دەسلەپ پارلىغان يۇلتۇزلارنىڭ بىرى. ئۇ - 1959 يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن " بوستانلىقتا تەنتەنە" كىنوسىدا رول ئېلىپ ئېكران ھاياتىنى باشلىغان.

ئەپسۇس، ئۇ سەنئەت ساھەسىدە ھەر تەرەپتىكى قابىلىيەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېز ئىلگىرىلەۋاتقان، ئاجايىپ گۈزەل غايىلەرگە تولغان ياشلىقىدا " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" دەك قارا بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، جەبرى جاپالارغا مۇپتىلا بولغان زۇنۇنقىز بۇ جەرياندا ئۆز كەسپىدىن 10 دىن ئارتۇق ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، تۇرمۇشتا تاۋلىنىپ، تېخىمۇ پىشىدۇ، بەلكىم ئۇ ئەگرى توقايلىق تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى سەھنىلەردە رول ئېلىش جەريانىدا ئۆزلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر خىل كەچمىشكە، خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازلارنى، بولۇپمۇ جاپا تارتقان ئاياللار، ئانىلارنىڭ ئوبرازلىرىنى تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتالىغان بولسا كېرەك.

1980 - يىللاردا ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ،شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن كېيىن يېتىلگەن ئاكتىيورلار بىلەن" غېرىپ - سەنەم" ئوپېراسىدا رول ئالىدۇ، بۇ نۆۋەت ئۇ سەنەم ئەمەس، " ئانا" رولىنى ئېلىپ سەھنىدە قايتا چاقنايدۇ. بۇ ئۇنىڭ سەھنىدە تۇنجى قېتىم ئانىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشى ئىدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۆزى سۆيگەن كەسپىگە كىرىشكەن بۇ سەنئەتكار يەنە چىنمودەن، تاشۋاي، " سىز بىزگە ئىشىنەمسىز"، " كېلىنلەر قوزغىلىڭى " قاتارلىق كۆپلىگەن دىرامىلاردا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئاساسلىق روللارغا چىقىپ تاماشىبىنلار ياقتۇرىدىغان داڭدار ئارتىس بولۇپ قالدى.

زۇنۇنقىز ئېلاخۇن ياشانغانسېرى تەجرىبە توپلاپ، ئاخىرى ئۇنتۇلماس بىر مەڭگۈلۈك ھۆرمەتكە ئىگە ئوبرازنى ياراتتى يەنى ئۇنىڭ سەمىمىي، مېھرىبان سىماسى قوي كۆزلەردە تىپىك "ئۇيغۇر ئانا" بولۇپ قېتىپ قالدى. ئۇنىڭ تونۇش سىماسى ئانىلار مەدھىيىلەنگەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىدا، دراما، ئوپېرا، ئىتوت، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، مۇھىمى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلار قالدۇردى.

ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا يەنى 1990 يىللاردىن باشلاپ كىنو، تېلىۋىزىيە فىلىملەردە ياراتقان ئانا ئوبرازلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كىنو فىلىملىرىدىن " كەچۈر ئانا"، "يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى"، " يىراق يېزىغا مۇھەببەت"، " ئۈچكەن يۇلتۇز"، "تەڭرى گۇۋاھ"،" ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟" "سەرسان روھ"، "كۆزۈمدە لىق ياش " قاتارلىق نۇرغۇن كىنو، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا زۇنۇنقىز رول ئالغان "ئانا" يىغلىغىنىدا، تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي يىغلايدۇ، ئۇ شاتلانسا تەڭ كۈلىدۇ. ئۇنىڭ سىماسىنى ئېكراندىن كۆرگەنلا كىشى ئۆز ئانىسىنى يادىغا ئالىدۇ...

ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن مانا بۇ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بىر سەنئەت پېشۋاسى زۇنۇنقىز ئېلاخۇندىن ئايرىلدى، گەرچە ئۇ سۆيگەن تاماشىبىنلىرى، خەلقىدىن ۋىدالاشقان بولسىمۇ،مېھرى ئىللىق بۇ" ئانا" نىڭ سىماسى يۈتمەيدۇ، يادلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.