ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەشتىكى تەقدىرداش خەلق: ئۇكرائىنلار ۋە ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

ئىنسانىيەتكە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ

مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارايلى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا دۇنياغا كۆرسەتكەن سەۋەبى بىلەن پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدا دۇنياغا كۆرسەتكەن سەۋەبى ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاش. ھەر ئىككىسى دۇنيا ئادالىتىگە، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلغۇچىلاردۇر. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە سەۋەب قىلدى. پۇتىن بولسا، NATO نىڭ شەرققە كېڭىيىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىچىدىكى رۇس مىللىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېچبىر ئىسپاتسىزلا باھانە قىلىپ، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق قىلدى. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن دۇنياۋى ئىنكاسلاردىن ئىلھاملانغان پۇتىن، ئۇكرائىناغا قىلىدىغان تاجاۋۇزىدىنمۇ ئوخشاش نەتىجىنى كۆرىدىغانلىقىنى پەملىدى. ھەتتا خىتايمۇ بۇ جىنايەتلەرنىڭ خۇددى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا دۇنيانىڭ سۈكۈتى ۋە رۇسىيەنىڭ بۈيۈك غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى پەملىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىغا شاھىت بولغان بىر شەخس بولۇش سۈپىتىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي ئاپەت» دەپ باھالىغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا، رۇسىيەدە كۈچلۈك مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئىدىيەلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا پۈتكۈل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھاكىمىيەت ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى. ئۇ يەنە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاكى 2036-يىلىغىچە داۋام قىلالايدىغان قانۇن ئىمزالىدى. ھەتتا پۇتىن ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققان ئالېكسىي ناۋالنىغا ئوخشاش ھەرقانداق كۈچلەرنى باستۇردى، يوقاتتى، تۈرمىگە قامىدى.

شى جىنپىڭمۇ 2012-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەن «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» يارىتىش تەشۋىقاتى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى يوقىتىش پىلانىغا ئاساس سالدى. 2018-يىلى قانۇن ماقۇللاپ، دۆلەت رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئارزۇسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 2014-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تېگىشلىك ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىلھام توختىنىمۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خوڭكوڭلۇقلار دېڭ شياۋپىڭ ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، قاتتىق باستۇردى. ئۇيغۇرلارغا بولسا دۇنيانىڭ كۆزىدىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

غەربكە قارشى تۇرۇشتا پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوخشاشلا مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلاندى. رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى يۇتۇۋېلىشى پۇتىننىڭ قوللاش نىسبىتىنى 90 پىرسەنتكە چىقارغان بولسا، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە «خىتاي چۈشى» مۇ خىتاينىڭ راستتىنلا قۇدرەتلىنىپ، دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان يېڭى بىر كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە باشلىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي يۈرەكلىك ھالدا «غەرب چۆكتى، شەرق قەد كۆتۈردى» سەپسەتەسىنى بازارغا سېلىشقا باشلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىدى. بۇ ئەھۋالدىن ئىلھاملانغان پۇتىن خىتاي بىلەن غەربكە قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىدىغان مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. مانا بۇ دوستلۇقنىڭ تۈرتكىسىدە پۇتىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى.

پۇتىننىڭ «چاقماق ئۇرۇش پىلانى» نىڭ مەغلۇپ بولدى

بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش نىيىتى بارلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ئۈزۈلمىدى. ئاقىۋەت 24-فېۋرال كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ۋە ئۇكرائىنادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان رۇس پۇقرالىرىنى قوغداش، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئۇكرائىنىيەگە «چاقماق تېزلىكى» دە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە كىمىكى بۇ ئۇرۇشقا قارشى چىقسا، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئېغىر زەربىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.

ئۇرۇش رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانى تۆت ئەتراپىدىن قورشاپ، كەڭ كۆلەملىك بومباردامان قىلىش ئارقىلىق، ئۇكرائىنلارنى تېز سۈرئەتتە بويسۇندۇرۇپ، ئۇرۇشنىڭ بۈيۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىپ باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلار رۇسىيەنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى. پۇتىنغا نىسبەتەن ئويۇن سەھنىسىدىن چۈشۈپلا، سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم قويغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكى بۇ ئۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئاجىز ئىدى. ئەمما ئىشلار پۇتىننىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ ئەكسىچە، زېلېنىسكىنىڭ رۇسىيەگە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنى ئۇكرائىنانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىلەن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇش بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىگە مەدەت ۋە كۈچ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشى، رۇسىيەنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىمۇ چۆچۈتتى.

ئەسلىدە پۇتىن ئۇكرائىنادا خۇددى ئافغانىستاننى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلغان تالىبانلاردەك نەتىجىنى خىيال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ قەھرىمان پرېزىدېنتى زېلېنىسكى ۋە باتۇر ئۇكرائىنا خەلقى ھايات قېلىش ئۈچۈن ۋەتەندىن ۋاز كېچىشنى ئەمەس، بەلكى ۋەتىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆلۈشنى تاللىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولسىمۇ، خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئاتاشنى رەت قىلدى. چۈنكى فېۋرالنىڭ بېشىدىلا شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، NATO نىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قارشى مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، باياناتنامە ئېلان قىلغان ۋە دوللاردىن خالىي ئىقتىسادىي بىرلىك ھاسىل قىلىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، شۇنداقلا دۇنيا كۈن تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلاردا بىرلىك ھاسىل قىلىشىپ، غەرب دۇنياسىغا جەڭ ئېلان قىلىشقانىدى. پۇتىن خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىكى جەريانىدا ئۇرۇش باشلىماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغىنىدەك ۋە خىتايمۇ رۇسىيەدىن ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش نىسبىتىنى پەۋقۇلئاددە ئۆرلىتىپ، رۇسىيەنىڭ غەرب ئىمبارگوسى سەۋەبلىك ئۇچراۋاتقان ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا يانتاياق بولۇشى، خىتاينىڭ «ئىگىلىك ھوقۇق» ھەققىدىكى «تەۋرەنمەس پرىنسىپلىرى» نىڭ ماھىيەتتىكى ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئىكەنلىكىدەك ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينى پارچىلاش سۇيىقەستى، غەرب دۇنياسىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى، شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىق دەپ جار سېلىپ كەلگەنىدى. خىتاي ھەتتا ئامېرىكانىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتىغان. ئەمما بۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتاشنى رەت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 25-فېۋرال جىددىي يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ئىشلىتىشىنى دەرھال توختىتىش ۋە ئۇكرائىنا زېمىنىدىن شەرتسىز ھالدا دەرھال چېكىنىشى ھەققىدە قارارنامە چىقاردى. رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى «فېتو ھوقۇقى» بىلەن بۇ قارارنامىنى رەت قىلدى. خىتاي بۇ مەسىلىدىمۇ قارارنامىگە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

ئۇرۇش تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. ئەمما رۇسىيەنىڭ «چاقماق ئۇرۇشى» تېخىچە ئۇكرائىنانىڭ ھېچبىر تۇپرىقىنى ئىگىلىيەلمىدى. ئۈچ كۈندىن بۇيان تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈرەشتە يېگانە جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش ئىرادىسى، كۈرەش مەيدانىدىكى جاسارىتى دۇنيانىڭ قوللىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئۆز خەلقىنى ھايات-ماماتلىق كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلىش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش كۈرىشىگە چاقىردى. گەرچە رۇسىيە ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما زېلېنىسكىنىڭ تۋىتتېر، فېيسىبۇك قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئۇكرائىنا بىلەن باغلىشى، ساختا ئۇچۇرلارنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇردى. دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتى ئۇكرائىناغا مەركەزلىشىپ، رۇسىيەگە قارشى ئەيىبلەش سادالىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى. دېمەك ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ جاسارىتى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا بولغان ئەندىشىلەردە سۈكۈت ۋە زۇلمەتكە چۆمگەن ئىنسانىيەتكە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بەردى.

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىينى بىخەتەر چېكىندۈرۈپ چىقىش ھەققىدىكى تەكلىپىگە زېلېنىسكىنىڭ «ماڭا كېرىكى چېكىنىش ئەمەس، بەلكى قورال-ياراق، ماڭا ۋەتىنىمنى قوغداش ئۈچۈن قورال-ياراق بىلەن ياردەم قىلىڭلار» دېگەن چاقىرىقى، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جان تىكىپ ئېلىشىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇكرائىنانى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھېسداشلىقى، قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتۈردى. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى شۇنداقلا نۇرغۇن ئادالەت سۆيەر دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچى، قورال-ياراق قاتارلىق تۈرلۈك ياردەملەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتىشكە باشلىدى. غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە قارىتا تېخىمۇ ئېغىر بولغان جازالاش تەدبىرلىرى ئۈستىدە جىددىي كېڭەشكەندىن كېيىن، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بىرلىكى SWIFT سىستېمىسىدىن تېپىپ چىقاردى ۋە ئۇكرائىنا چېگراسى ئەتراپىغا قوغدىغۇچى قوشۇنلارنى ئورۇنلاشتۇردى. «چاقماق ئۇرۇش پىلانى» مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن پۇتىننىڭ، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېفنى كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلىشتىن ئىبارەت ب پىلانىنى جاكارلىغانلىقىنى زېلېنىسكىي تۋىتتېردا ئېلان قىلدى. قارىماققا ئۇرۇش جىددىي ۋەزىيەتكە قەدەم قويغاندەك قىلاتتى. ئەمدىكى ۋەزىيەت زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇلارنى ھازىر مۆلچەرلەش قىيىن. ناۋادا رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن ھۇجۇم باشلاپ قالسا، ياۋروپا ۋە NATO بۇ ئۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ھالدا ئۇرۇش پۈتكۈل ياۋروپا ھەتتا دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئايلىنىشى مۇمكىن.

خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى غەرب دېموكراتىك سىستېمىسى يەنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا كۈنتەرتىپى ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ تەبىرلەشتى. دېمەك، ئىككى يۈز يىللىق بۈيۈك پىلان تۈزۈپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ ئورنىنى بېسىشتەك بۈيۈك نىشانغا يېتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان خىتاي ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى مۇھىم ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئاۋۋالقى 23-فېۋرالدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئامېرىكا ئىقتىسادىي جازا بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتەلىدىمۇ؟» دېگەنىدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسى بۈگۈن رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بىرلىكىدىن سىقىپ چىقىرىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىش رۇسىيە ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان يادرو قورال دەرىجىسىدىكى ئېغىر زەربە ئىدى. چۈنكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىش بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسى زور چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماستىن، دۆلىتى ئىچىدىمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي داۋالغۇشقا سەۋەب بولاتتى. دېمەك، دىپلوماتىك ئەخلاق پرىنسىپلارغا، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ يوسۇندا، ناتسىستلارچە ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا رۇسىيە ئويلىمىغان يەردىن خەلقئارا جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇلدى. ھەتتا رۇسىيەنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ، رۇسىيەگە سەپ تۇتمىدى، ھەتتا ئۇكرائىنانى قوللىدى. گەرچە ئۇرۇش ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولدى.

ئۇكرائىنالىقلارنىڭ جاسارىتى دۇنياغا كۈچ، ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىدى

ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكىينىڭ ئۆز خەلقى بىلەن بىر سەپتە تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈرەشتە كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھى پۈتۈن دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. ھېچكىم ئۇكرائىنالىقلارنىڭ رۇسىيە ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان، ئۇكرائىنا خەلقىدىن بۇنداق بىر جاسارەتنى كۈتمىگەن ئىدى. ئەمما رېئاللىق دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپلا قالماي، رۇسىيەگە قارشى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ يېنىدا بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. قىسقىسى، ئادالەت كۈرىشىدىكى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ زۇلۇمغا باش ئەگمەس روھى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى ئويغاتتى. بۇ ھادىسە رۇسىيەنى قوللىغان خىتاينى چۆچۈتتى.

ئۇكرائىنالىقلار رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتقان «رۇسلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى» تۆھمىتى ۋە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك يالغان تەشۋىقاتلارنى، ئۇكرائىنادىكى ھەقىقەتتىن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيانى خەۋەردار قىلىش، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە تاجاۋۇزچىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپات بىلەن ئاشكارىلاش ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئورۇن بەرمىدى. يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت بىلەن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئۇكرائىناغا قىلىنغان ئورۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى، رۇسىيەنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خەلقئارا جامائەت ئەمدى «ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىغان» خىتاينىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنى ئەيىبلەشنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىقىغا سوئال قويدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئۇكرائىنالىقلار ئۇچرىغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ نىشانى ئوخشاشلا بىر مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك بويسۇندۇرۇش ۋە يوقىتىش ئىدى.

ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئومۇمىي خەلق بويىچە بىرلىك ئىچىدە قوزغىلىشى ۋە كۈرەش قىلىشى رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلىشىنىڭ ۋە دۇنياۋىي ياردەمگە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسى بولدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارچۇ!؟

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.