ۋىليام نېي: «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئىنسانىيەتنىڭ ئېغىر تراگېدىيەسىدۇر»

0:00 / 0:00

2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنىنى «غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى 30-ئاۋغۇستتا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىنسانلار ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتىتى 30-ئاۋغۇسىت كۈنى تۋېتتىر (X) دا 2017-يىلى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى، دوكتور راھىلە داۋۇت ھەققىدە مەخسۇس يازما ئىلان قىلغان. ئۇلار يازمىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يوشۇرۋاتقانلىقىنى، راھىلە داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايىپ قىلىۋېتىلگەن بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۈگۈن، يەنى 30-ئاۋغۇست كۈنى «دىپلومات» گېزىتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە، ب د ت خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تورى (Network of Chinese Human Rights Defenders)نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نېي (William Nee) ئەپەندى، بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارا قانۇنىي ھۆكۈم ياكى ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش يوق، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ھەتتا تۈرمىگە سولانغانلارغىمۇ رەسمىي سوت ئىچىلغان-ئېچىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بولۇپمۇ لاگېر سىسىتېمىسىدا ساقچىلارنىڭ خالىغان كېشىنى لاگېرغا ياكى تۈرمىگە سولايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە سولانغان كىشىلەرنىڭ يەنە ئوخشاش شەكىلدە تۈرمىگە تاشلانمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئايرىم-ئايرىم 3 دوكلات ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى، ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت، دوختۇر گۈلشەن ئابباس ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى نۇرئىمان ئابدۇرېشىتنىڭ قەشقەردىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى-دادىسى ئابدۇرېشىت توختى، ئانىسى تاجىگۈل قادىر، ئېنىلىرى ئەمەتجان ئابدۇرېشىت ۋە مۇھەممەتئەلى ئابدۇرېشىت-قاتارلىقلارنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىشىدا خەلقئارا قانۇنلارنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ۋىليام نېي ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا سىستېمىلىق ھالدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە قاشى جىنايەت بولۇپ ھىسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قېلىنغان شەخسلەرنىڭ غايىپ بولغىنىغا 6-7 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى تېخىچە نامەلۇم ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 30-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق جاۋاب ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭمۇ غايىب بولغانلارنىڭ قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، بەش يىلدىن بۇيان ھەدىسىنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا ئېلىخەت ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر رايونىدىكى يازغۇچىلار، سودىگەرلەر، دىنىي زاتلار، سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر غايىپ قىلىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. بۈگۈنكى غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدىغان كۈندۇر.»

ۋىليام نېي ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتكەن ئىسپاتلىرى ۋە تەلەپلىرىگە قىلچە پىسەنت قىلماستىن، تۇتقۇنلارنى تۈرمە ياكى لاگېرلاردا غايىپ قىلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى توغرىلىق ئىسپات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئۇ ئاخىردا يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن مەدەنىيەتلىك ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەت، دەپ كۆرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى نەچچە مىڭلغان گۇناھسز كىشىلەرنى ئۆلۈمگە ئۇزاتقان خىتاي ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ سانالمايدۇ. بۇنى خىتاي ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا زىيالىيلىرى چوقۇم ئويلىشىشى كېرەك. بىز ھازىر پەقەت بىر كونۇپكا ئارقىلىقلا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان يوقىرى تېخنىكا دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. ھالبۇكى، خىتاي غايىپ قىلىۋەتكەن تۇتقۇنلار توغرىلىق ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھېلىھەم خەۋەر ئالالمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنسانىيەتنىڭ ئېغىر تراگېدىيەسىدۇر.