تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى.
13-14-ئاپرېل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەربىيەلەش كۇرسىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تاللانغانلار ئىشتىراك قىلغان.
ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ۋە تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان 21 ئوقۇغۇچى تاللاپ قاتناشتۇرۇلدى. مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاچقان مەزكۇر كۇرسنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئۇيغۇرلاردا مىللىي مەپكۇرە»، سىپرۇس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى»، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىچكى يۈزىنى تونۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى»، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان جەمال كاشغەرى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئەقىدە ۋە پىداكارلىق» ئىستانبۇل ساباھىتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى بۇرھان سېيىت ئەپەندى «ئوقۇش ۋە خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يوللىرى» تېمىلىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى. مەزكۇر كۇرسنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 14-ئاپرېل كۈنى بولسا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بولسا «تەشكىلاتچىلىق سەنئىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مىللىي مەدەنىيەتنى جانلىق تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى»، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كەمال يۇنۇسوغلۇ خانىم «تۈركىيە ۋە تۈركلەرنى چۈشىنىش» تېمىلىرىدا لېكسىيەلەر سۆزلىگەن.
«مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» ناملىق تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇ ياشلارغا مىللىي مەپكۇرىنى سىڭدۈرۈش ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ھەر خىل كۇرسلارنى ئاچماقتا. ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ كۇرسنىڭ باشقا كۇرسلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» ناملىق تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇغۇچىسى سۇبىنۇر ئۆمەر، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش شەھىرىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مۇھاممەت ئاتاۋۇللاھ بۇ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىلىم بېرىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بۇ كۇرستا كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ كۇرسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى بۇ يىل يازدا ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت مەزكۇر كۇرسنىڭ تۇنجى قېتىم بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00