خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى: «شىنجاڭدا ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› نى ‹نورماللاشتۇرۇش› كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتىدە، « تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 26-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردا جىددىي خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ئۇ، بۇ جەرياندا مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەرگەن:

«شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىلىق ئىدىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىئىنەزەرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) چېن ۋېنچىڭنىڭ سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنى دائىم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا پەرقلىق ناملار ئاستىدا باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، خىتاي 1945-1949-يىللىرىدا ئىشغال قىلغان شىنجاڭ قاتارلىق زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ تۇپراقلاردا ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى ئىستەيدۇ. شۇڭا خوڭكوڭدىمۇ قاتتىق كونتروللۇقنى كۈچەيتتى، ھازىر تەيۋەننى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولۇۋاتىدۇ. بۇ رايونلاردىكى كۆپ خىل تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنى يوقىتىپ، بۇ رايونلارنى خىتاي تىلى ۋە خىتاي كونتروللۇقىدىكى خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، بۇ رايونلارنى تولۇق خىتايلاشقان خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام، خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنلىرىغىمۇ قارشى تۇرماقتا. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق دىنلارنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېر ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) چېن ۋېنچىڭنىڭ زىيارىتى ۋە قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«چېن چۇەنگو دەۋرىدە، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە ۋە تەشۋىقات ئۇسلۇبىدا جىددىي ئۆزگىرىش بولدى. ما شىڭرۇي دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى نورماللاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار ئېلان قىلىنغان بىر قاتار قانۇن-تۈزۈملەر بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇنى تەجرىبە يولى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تەشۋىقات يولى بىلەن ئىجرا قىلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ. 2021-يىلدىن باشلاپ، ما شىڭرۇي قولغا كەلتۈرگەن ‹نەتىجە› لىرىنى يەكۈنلىدى ۋە بۇنى ‹قانۇنلاشتۇردى›. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى «نورماللاشتۇرۇش» ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش›نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇمۇ بىز داۋاملىق ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇن بىلەن بىردەك. نەتىجىدە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› ۋە ئاساسلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن رايوندىكى كەڭ كۆلەمدىكى مىللىي نارازىلىقنى ‹يېڭىچە باستۇرۇش›تىن ئىبارەت ھەل قىلىش چارىسى بارلىققا كەلدى».

چېن ۋېنچىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەت زىيارىتى مەزگىلىدە، غۇلجادا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ، «پۈتۈن مەملىكەت بىر شاھمات تاختىسى بولۇش ئىدىيەسى» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى، «خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش» نى ۋە «جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-ماي بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن ۋېنچىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىنى تۈگىتىپ بىر كۈن ئۆتكەندە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتايدا، جۈملىدىن شىنجاڭدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى چېن ۋېنچىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇش» شوئارىنى توۋلىشى بىلەن، ئارقىدىنلا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ «يەتتە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىدى» دېگەن باياناتنى بېرىشى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى ئىككى ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ۋە بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان مۇقام توۋلىشى، چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

دوكتور ئاندېرس كور، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىدە ھازىرچە كەسكىن بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش›نى ‹نورماللاشتۇرۇش›قا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. يەنى خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش› سىياسىتى داۋام قىلىدۇ. خىتاي دەۋاتقاندەك، شىنجاڭدا بۇرۇن ۋە ھازىرمۇ تېررورلۇق بولغان ئەمەس. پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش› دېگەندەك باھانىلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› نى بىر تۈرلۈك ‹نورماللاشتۇرۇۋاتىدۇ›. ئەپسۇس، شىنجاڭدىكى نورمال بولمىغان ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› دولقۇنى ئەمەلىيەتتە نورماللىشىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نورمال بولمىغان نەرسە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نورمال تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تېڭىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دىكتاتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىنى دۇنيا مىقياسىدا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا نارازى ۋە قارشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نارازىلىق ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتى خىتاينى بەكمۇ ئەنسىرىتىدىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش؛ شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى جانلاندۇرۇش» نى تەكىتلىگەنىدى. خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان زىيارىتىدە رايون بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كورغا ئوخشاش ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «رايوندا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دېگەن سىياسىي شوئارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئاتا مىراس زېمىنلىرىنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئوينىلىپ كېلىۋاتقان تاكتىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.