مايا ۋاڭ: «خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمىغا ئۇنىڭ ئۆز ھاكىمىيەت مودېلىدىن ئەنسىرىشى سەۋەب بولغان»
2023.03.02

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ھۇجۇمىنى قايتىدىن كۈچەيتىشى، دىققەت قوزغىماقتا.
20-فېۋرال كۈنى خىتايدا چىقىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە نەشىرلىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكانىڭ زومىگەرلىكى، نومۇسسىزلىقى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە دوكلات» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ھۇجۇم نىشانى ئامېرىكاغا قارىتىلغان ئىدى.
26-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىلىق مائارىپى ۋە قانۇنچىلىق نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر» ناملىق ماقالىدىمۇ، «غەرب قىممەت قارىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش»، ئالاھىدە «سىياسىي ۋەزىپە» سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە، «شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسى» ۋە «كومپارتىيەنىڭ ھەممىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ، خىتاينىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەكلىكى؛ غەرب دۇنياسىنىڭ «ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت»، «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»، «ئەدلىيە ھوقۇقىنىڭ مۇستەقىللىقى» دېگەندەك «غەرب قىممەت قارشى» ۋە «غەرب دېموكراتىيە تۈزۈمى» گە قەتئىي قارشى تۇرۇش تەكىتلەنگەن.
بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھۇجۇملىرىدا يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە تەنقىد نىشانى بولۇۋاتقان خىتايدىكى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»، خىتايدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار» ۋە «زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان تىبەتلەر» مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىقمۇ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن.
27-فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى چىن گاڭ باياناتىدا، بەزى دۆلەتلەر ‹كىشىلىك ھوقۇق› مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ئارىلىشىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ئارىلىشىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلانماسلىقى كېرەك. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاينىڭ شىنجاڭ، تىبەت مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتايغا قارا سۈركىمەكتە. خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا زەربە بەرمەكتە. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.»
ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكانى نىشان قىلىپ تۇرۇپ، «غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ئارىلاشتى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى» دېگەندەك تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىشىغا ئۇنىڭ قانداق ئەندىشىلىرى سەۋەب بولغان؟
بۇ ھەقتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى دېرىكتورى مايا ۋاڭ خانىم ئۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويدى: «مېنىڭچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش مەسىلىسى، يەنى ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى خىتاينى قورقۇتماقتا. ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ قۇرقۇۋاتقىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى سەۋەبلىك، ئۆزىگە قارىتا چەت ئەللەردە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بەزى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىدۇر. بۇ ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېلىنغان بەزى جازالاش تەدبىرلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان تاشقىي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
مايا ۋاڭ خانىم، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي مودېلى» دىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى ‹خىتاي مودېلى›، ‹خىتاي چۈشى›، يەنى ‹خىتاينى كۈچلەندۈرۈش› ئارزۇسىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەنسىرەش. شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەقىيات تۈزۈلمىسى بار دېگەننى تەكىتلەپ، خىتايدا «كىشىلىك ھوقۇق» ۋە «دېموكراتىيە» دېگەندەك غەرب ئەندىزىسى كېرەك ئەمەس، دەۋاتىدۇ. ئەمما پۈتكۈل دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەنقىد قىلىنماقتا. شۇڭا خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ‹خىتاي مودېلى›غا بولغان باھاسىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولماقتا. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تەنقىدلەرگە بولسۇن ياكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە بولسۇن، بۇنىڭدا ئۆز مودېلىنىڭ پەقەت خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ‹ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەقىيات نىشانى› دېگەن سۆزلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.»
مايا خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي قاتتىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان «كىشىلىك ھوقۇق»، «دېموكراتىيە» دېگەنلەر ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بۇنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىت دەپ قارىماقتا ئىكەن.
مايا خانىم بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەقىيات يۆنىلىشى ‹دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش› مودېلىدۇر، ئەمما ئۇنىڭغا قارشى ھالدىكى يەنە بىر مودېل، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
بىر قىسىم مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ مودېلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئوخشىمىغان مودېلنى ساقلاپ قېلىش، يەنى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئۇلار، ئۆز سىستېمىسىنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ. ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا، سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە دىققەت بەرمەكتە. شۇڭا خىتاي ئۆزىگە يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ ئەيىبلىمەكتە.»
ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە قارىتا تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىشىغا، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانى ئىدېئولوگىيە، دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق 3 نۇقتىدىن «خىتايغا تەھدىت» دەپ قارىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۆز تەسىرىنى دۇنياغا كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانى دۈشمەن دەپ ھۇجۇم نىشانى قىلىشىغا يەنە ئۇنىڭ «چوڭ خىتاي ئىمپېرىيەسى» مودېلىنىڭ پارچىلىنىشىغا بولغان ئەندىشىسىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولماقتا ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكۇڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۈچىيىۋاتقان كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقلارنى تىلغا ئالدى.
ئۇئىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينى ئەنسىرىتىۋاتقان يەنە بىر ئەھۋال، خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئىكەن.