3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنى لايىھىسى» 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكاغا قارشى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىدى.
9-دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقىنى، ئەمما يېڭى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بۇ لاگېرلارغا داۋاملىق كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت زاكىر سۆزىدە «نۆۋەتتە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى… ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى،» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ خىل تەربىيەلەشنىڭ «كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئارزۇسى ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تەربىيەلەنگۈچىلەر بۇ ئورۇنلارغا ئەركىن كىرىپ-چىقىپ تۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
شۆھرەت زاكىر بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقىتتا خەلقئارا تاراتقۇلاردا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتاتتى. يەنى خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇلارنى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكى، كۆپ قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىنى لاگېرلار يېنىدىكى زاۋۇت فابرىكالارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇڭا شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ باياناتى خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىمالال سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بەھرام سىنتاشنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «# تېخىچە ئۇچۇر يوق!» ھەرىكىتى قانات يايدى. بۇ ھەرىكەت داۋامىدا مۇھاجىرتەتتىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن «تېخىچە ئۇچۇر يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.
بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مارىيە خانىم، ۋىرگىنىيە شىتاتىتىدا ياشايدىغان جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى ۋە گېرمانىيەدىكى تاھىر مۇتەللىپ ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇلار ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېخىچە لاگېرلاردا ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن ھازىرغا كەلگۈچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ باياناتىغا سوئال قويدى. ئۇلار شۆھرەت زاكىرنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ، ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يالغانچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلار زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، خەلقئارا بېسىم ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاش، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن «#تېخىچە ئۇچۇر يوق!» ھەرىكىتىگە پائال ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00