تەيۋەندە خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتىكەن
2019.10.11
خىتاينىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ تەيۋەندە بارغانسېرى سۇغا چىلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيبېيدا «جۇڭخۇا مىنگو» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 108 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمى مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم خوڭكوڭدا مەغلۇپ بولدى» دېگەن. ئۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم تەيۋەن لايىھىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تەيۋەن ياشلىرىغا قارىتا تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. ئەمما رېئاللىق تەيۋەندىكى ياشلارنىڭ بارغانسېرى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىدىن بىزار بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
9-ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەندىكى سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سايلام تەتقىقات مەركىزى تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن 2223 نەپەر ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 78.7 پىرسەنت زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزلىرىنى «جۇڭگولۇق ئەمەس»، بەلكى «تەيۋەنلىك» دەپ قارايدىكەن. ئۆزلىرىنى ھەم «تەيۋەنلىك»، ھەم «جۇڭگولۇق» دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 20.1 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۆزلىرىنى پەقەتلا «جۇڭگولۇق» دەپ قارىغۇچىلار ئاران 0.8 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خەۋەرگە كۆرە، تەيۋەن ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە كۈچىيىشىگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىستىبداتلىقى سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يەنە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك مۇھىتىنى تارايتىش يولىدا قىلغان-ئەتكەنلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ئەمما بۇ يەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىلمىگەن.
مەزكۇر راي سىناش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 2223 ئوقۇغۇچىنىڭ 40.3 پىرسەنتى تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، كېيىنچە مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى، كېيىنچە ئەھۋالغا قاراپ يا مۇستەقىل بولۇش ياكى خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى 25.2 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان. 14 پىرسەنت ئوقۇغۇچى مەڭگۈ ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 8.8 پىرسەنت ئوقۇغۇچى دەرھال مۇستەقىل بولۇشنى تەرغىب قىلغان. ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىپ، كېيىن بىرلىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى 3.7 پىرسەنتنى، دەرھال بىرلىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى پەقەت 0.9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
بۇ قېتىمقى راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان تەيۋەن سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتى سايلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جېنخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەيۋەن ياشلىرى ئارىسىدا مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەيۋەن ياشلىرىنى خىتايغا كېلىپ ئىشلەشكە، خىتاي جەمئىيىتى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يېڭى سىياسىتى تەيۋەن ياشلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، ئەكسىچە ئۇلارنى خىتايدىن بارغانسېرى ئۇزاقلاشتۇرىۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن 40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە مىللەتتىن ئەزاسى بولغان، دۇنيادىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەن. غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان تەيۋەنلىكلەر يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىنى قوللاپلا قالماستىن، خىتايغا قارشى ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىلىرىنى نامايان قىلماقتا. ئۇلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشلىرىغا تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىرگە تەشكىللىگۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان 4 تەشكىلاتنىڭ بىرى بولدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەم ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ تەيۋەنلىكلەر بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، يالغۇز تەيۋەنلىكلەر بىلەنلا ئەمەس، خىتايغا قارشى ھەرقانداق كۈچ بىلەن بىرلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.