ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.13
amerika-taiwen-herbiy-armiye-meshiq.jpg ئەسكەرلەر تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن «جەڭگە تەييارلىق قىلىش ھەپتىلىكى» مانېۋىرىدا AH-64E Apache ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا مەشىق راكېتالىرىنى يۈكلىمەكتە. 2020-يىلى 29-ئۆكتەبىر.
REUTERS

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 9-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى تەيۋەن ھەربىي تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن تەيۋەن ئارمىيەسىنى 4 ھەپتىلىك مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان تەيۋەن ئارمىيىسىنى تۇنجى قېتىم تەربىيەلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىدىغان، «تۇيۇقسىز زەربە بەرگۈچىلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئالاھىدە قىسمى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى جاسۇسلۇق كېمىلىرى ۋە ھۇجۇمچى كېمىلەرگە زەربە بېرىش ماھارىتى بويىچە مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلىغان. بۇ كورونا ۋىرۇسى تارقالغان 7-8 ئايدىن بېرى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تەبىيەلەشنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي جەھەتتە خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەشىق، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ناھايىتى زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى 1979-يىلدىن بېرى تەيۋەن ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە مەشىق ئېلىپ بارمىغانىدى. بۇنىڭ بىر مۇھىم باشلىنىش ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خىتايغا بېرىلگەن سىگنال بولۇپ، ˃تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلساڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان بولىسەن˂ دېگەننى بىلدۈرىدۇ».

ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيە باش شىتابى 9-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ «بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ساھەدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى نورمال داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەجربىسىنى بېيىتىش، شۇنداقلا تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭ ماھارىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما بۇ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى ھازىر تەيۋەنگە تولۇق يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ 1979-يىل ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن باشلاپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ تەيۋەن ھەربىي تەرەپ بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئالاقە ئورنىتىشى ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا گەرچە 40 يىل بۇرۇن خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە ئالاقىسىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، تەيۋەن بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا ھەر يىلى تەيۋەنگە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە باشقا قىسىملاردىن تەشكىل تاپقان كىچىك تىپتىكى سەر خىل ئەترەتلەرنى ئەۋەتىپ بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئاساسەن ئېتىراپ قىلماي كەلگەن. تەيۋەن ھاۋا ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە قىسمى بىلەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاھىدە قىسمى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە مانىۋېر، خىتاي تەرىپىدىن «كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان ھەرىكەت» دەپ قارىلىپ كەلگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ 1995-يىللىرى تەيۋەنگە بىۋاسىتە تەھدىت سالغاندا ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىپ قوغدىغانلىقىنى، ئامېرىكىغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن خىتاينىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن 28 مىليون 800 مىڭ دوللار ئاجرىتىپ، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ جەڭ قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 18 دانە ھۇجۇمچى كېمە ۋە سەپلىمە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ھەر بىر باتاليونى 4 روتادىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر روتادا 100 دىن كۆپ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق جەڭچىلەر بار ئىكەن. بۇ قوشۇن نەچچە يىللاردىن بۇيان رازىۋېتكا قىلىش، ھەر خىل ھۇجۇمچى كېمىلەردىن پايدىلىنىپ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا تەڭ جەڭ قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەپ كەلگەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە بېرىپ تەيۋەن ئارمىيىسىنى مەشىق قىلدۇرۇشىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، خوڭ كوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى بار. ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىنى خىتايغا قارشى قويۇش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى دەپ قارايمەن».

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ سەر خىل ئەترىتىنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بارىدىغان مەشىقلىرىنى ئەھمىيەتسىز دەپ بىلدۈرۈشكە تىرىشقان. خىتاينىڭ يەنە بىر گېزىتى بولسا «بۇ، تەيۋەننىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇر» دېگەن ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بۇ مەشىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىنىڭ داۋامىدۇر. كېلەر قېتىم كىم پرېزىدېت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى يەنىلا خىتايدا» دېگەن.

گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەشىقنى مۇھىم ئەمەس دەپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مۇھىم ھەرىكەت، بۇ خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال. خىتاينىڭ ھازىر تاللىشى چەكلىك. ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت تەيۋەننى قۇتقۇزالمايدۇ. ھالبۇكى ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەيۋەننى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا خىتاينىڭ باشقا تاللىشى يوق. ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەمكارلىشىشى ئۇرۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئامېرىكا ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەيۋەننى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ مەشىق بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.