مۇتەخەسسىسلەر: «لەي چىڭدېنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى تەيۋەن دېموكراتىيەسى ۋە دۇنيا ئۈچۈن خەيرلىك بىر نەتىجە»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.18
taiwan-prezident-Lay-qingde.jpg تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. 2024-يىلى 13-يانۋار، تەيبېي، تەيۋەن.
AP

تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى. تەيۋەن ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسىنىڭ تەيۋەن ئۈچۈن، دېموكراتىيە ئۈچۈن ۋە دۇنيا ئۈچۈن خەيرلىك، ئەمما بېيجىڭغا نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر نەتىجە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا، جەمئىي 5 مىليون 580 مىڭ بېلەتكە، يەنى 40.1 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ، تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى.

لەي چىڭدې غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ دېموكراتىيە تارىخىدا يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز دېموكراتىيەمىزنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا كۆرسەتتۇق. بۇ بىزنىڭ تەۋرەنمەس ۋەدىمىز. بىز قارشىلىشىشنى ئەمەس، دىيالوگنى تەشەببۇس قىلىمىز. تەيۋەن ھەرۋاقىت مۇستەبىتلىك تەرەپتە ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە تەرەپتە تۇرىدۇ.»

تەيۋەن ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قارىشىچە، دېموكراتىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدېنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىكەن.

پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇتۇقىنى تەبرىكلىمەكتە. 2024-يىلى 13-يانۋار، تەيبېي. تەيۋەن.
پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇتۇقىنى تەبرىكلىمەكتە. 2024-يىلى 13-يانۋار، تەيبېي. تەيۋەن.
AP

پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker)، بۇ سايلام تەيۋەندە بىر نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

«تەيۋەن سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە پەرقلىق تەرەپتىن قاراشقا بولىدۇ. تەيۋەننىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىنىڭ يەنە بىر ئىسمى ۋىليام لەي بولۇپ، مەن ئۇنى شۇ ئىسمى بىلەن ئاتايمەن. ۋىليام لەي سايلامدا ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشتى، ۋە تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كۆپ سانلىق بېلەتكە ئېرىشەلمىدى. قالغان ئىككى كاندىدات سايلامدا ئومۇمىي بېلەتنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتىگە ئېرىشتى. يېڭى پىرېزىدېنت تەيۋەن يېڭى پارلامېنتىنىڭ قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن بەزى سىياسەتلىرىدە بىر ئاز قارشىلىققا دۇچ كېلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سايلام تەيۋەندە بىر نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ئەھۋالنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەيۋەندىكى ئاھالىلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بولغان ئومۇمىي پوزىتسىيەسى ۋە سالاھىيەت تۇيغۇسى يىراقلاشتى. تەيۋەن خەلقى ئۆزىنى ‹خىتاي› (جۇڭگولۇق) ئەمەس، بەلكى ‹تەيۋەنلىك› دەپ قارايدۇ. بۇ سايلام بۇ يۈزلىنىشنىڭ داۋامى ۋە ئىپادىسىدۇر. ۋىليام لەي ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق بىلدۈردى. ئېنىقكى، سايلامنىڭ نەتىجىسى بېيجىڭغا نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بولۇپ، بۇ ئەھۋال تەيۋەن بوغۇزىدا تېخىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. مېنىڭچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، جۈملىدىن مەنمۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. تەيۋەن بوغۇزىدا بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشى مۇمكىن.»

تەيۋەن ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەر، سايلامنىڭ نەتىجىسى سەۋەبلىك تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىشى، خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ (胡平) ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋە تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئۇ تەيۋەندىكى سايلامنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىگە زور ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لەي چىڭدېنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىدىن ھاياجانلانماقتا. 2024-يىلى 13-يانۋار، تەيبېي.
لەي چىڭدېنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىدىن ھاياجانلانماقتا. 2024-يىلى 13-يانۋار، تەيبېي.
AP

«تەيۋەندىكى سايلامنىڭ نەتىجىسى تەيۋەننىڭ ئاللىقاچان بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن ۋە مۇقىم دېموكراتىك جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ سايلامدا، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەي چىڭدې پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. ئەمما تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە كۈچ ئىشلىتىشى مۇمكىن ئەمەس، چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ بولۇشى ناتايىن. قانداقلا بولمىسۇن، كىچىك ئۆزگىرىشلەر، كىچىك ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئۇ ما يىڭجيۇ دەۋرىگە قارىغاندا خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ تېخىمۇ سوغۇق بولىدۇ. ئەگەر چوڭ ئۆزگىرىش بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇرۇش بولۇشى ناتايىن. يەنى ئۇرۇش بولۇش ئېھتىمالى يوق. تەيۋەندىكى سايلامغا كەلسەك، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىگە زور ئىلھام بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىز نېمىشقا چوڭ قۇرۇقلۇقتا دېموكراتىيە يۈرگۈزەلمەيمىز، دەپ ئۆزىدىن سورايدۇ؟ شۇڭلاشقا، سايلام مەزگىلىدە، بولۇپمۇ بېلەت تاشلاش ۋە بېلەتلەرنى ساناش جەريانىدا، خىتاي ئىنتېرنېتنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلدى، خىتاي كومپارتىيەسى تەيۋەن دېموكراتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى تېخىمۇ كۆپ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىدىن ئەنسىرىدى».

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سايلامدا تەيۋەندە مائاش ئۆسۈشىنىڭ ئاستا بولۇشى، تۇرالغۇ تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، توك يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر تالاش-تارتىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. تەيۋەن خەلقى، بولۇپمۇ ياشلار يېڭى پىرېزىدېنتى بولغان لەي چىڭدېدىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، لەي چىڭدېنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى سەۋەبىدىن بەزى سىياسەتلىرىدە بىر ئاز قارشىلىققا دۇچ كەلسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەم ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان لەي چىڭدېنى تەبرىكلەپ، بۇ قېتىملىق سايلامنى «تەيۋەن دېموكراتىيەسىنىڭ بىر دەلىلى» دەپ تەرىپلەشمەكتە.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەنمۇ بۇ قاراشتىكى كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھىيلىدى: «تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لېي چىڭدېنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولۇشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر ۋە ياخشى بىر پۇرسەت».

ۋىليام دايكىر، تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ «كۈچلۈك ۋە ھوقۇق مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەتلەر، خىتاي سىياسىي مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق تارىخىي ئالاھىدىلىكى» دېگەن تەشەببۇسىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە شى جىنپىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى ئەركىن ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلىيالىشى، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن دېموكراتىيەنىڭ ماسلىشالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.