تەيۋەنلىك سودىگەرنىڭ مايتاغ ھەققىدىكى ئاچچىق تەسىراتلىرى
2022.01.06
ھازىرچە ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋاڭ شاڭ تەخەللۇسىدىكى تەيۋەنلىك سودىگەرنىڭ 4-يانۋار رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قارىماينىڭ مايتاغ رايونىدىن 2000-يىللارنىڭ بېشىدا، مايتاغلىق ئايالىنىڭ نامىدا سېتىۋالغان 1200 مو يېرى ۋە خىتاي پۇلىغا مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان «مۇھىت ئاسراش زاۋۇتى» 2020-يىلى 11-ئايدا ئۇ تەيۋەندىكى مەزگىلىدە، ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇلمايلا زاۋۇت ئورنى تۈزلىۋېتىلىپ يېرى مۇسادىرە قىلىنغان. ئەمما ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان ۋاڭ شاڭ خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا» قامىلىشتىن ئەنسىرەپ، مايتاغدا ئەرز قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىغانىكەن.
6-يانۋار كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ شاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مايتاغدا 10 يىلغا يېقىن تۇرغانىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى چېن چۈەنگو كېلىشتىن ئىلگىرى مايتاغنىڭ ۋەزىيىتى خېلى ئەركىن ئىكەن. مايتاغدىكى تىجارىتى دەسلەپكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. ئەمما 2016-يىلدىن كېيىن «مۇقىملىق ھەممىدىن ئۈستۈن» سىياسىتى سەۋەبلىك تىجارىتى چەكلىمىگە ئۇچراپلا قالماستىن ھەتتا تەيۋەن كىملىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچرىغان قاتتىق تەكشۈرۈشلەر سەۋەبىدىن ئۇ ھەتتا كوچىغىمۇ خاتىرجەم چىقالمايدىغان ئەھۋالدا قالغان.
ۋاڭ شاڭدىن 2016-يىلدىن كېيىن مايتاغدا يولۇققان ئەھۋاللارنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى بويىچە يۈرگۈزۈلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك قورشاۋ ئىچىگە ئېلىنغان ئولتۇراق رايونلار، كوچىلارنى قاپلىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغان قاتمۇ-قات نازارەت سىستېمىسىنىڭ كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالىدىغان كەيپىيات پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلدىن كېيىن، خىتايلار ئازسانلىق مىللەت دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئىلگىرى مايتاغنى ئاۋات قىلىپ تۇرغان ناۋاي-تىجارەتچىلەر تۇيۇقسىزلا كۆچۈرۈلۈپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغان.
ۋاڭ شاڭ مايتاغنىڭ ئۆزى تۇرغان رايوندىكى ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭ 2016-يىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز غايىب قىلىنغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن ئۇلارنىڭ ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى›غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئەلۋەتتە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم. ئەمما مايتاغدا نان ساتىدىغان ئازسانلىق مىللەت كىشىلىرى بار ئىدى، سىز بىلىسىز ئۇلار تونۇردا قاقلاپ پىشۇرۇلىدىغان ئاجايىپ مەززىلىك نانلارنى ساتاتتى. مەن ئىلگىرى ئۇ يەرگە دەسلەپ بارغان مەزگىللەردە بۇ خىل نانلارنى ساتىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ قوغلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. لېكىن ئۇلار قوغلىۋېتىلدىمۇ، ياكى نەگە ئېلىپ كېتىلدى بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇلار مايتاغدا قاماققا ئېلىندىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت قىلىشىنى توسۇپ يۇرتلىرىغا قوغلىۋەتتىمۇ بۇمۇ ئېنىق ئەمەس».
ۋاڭ شاڭ قارىمايدىكى لاگېرلار ھەققىدە سورالغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ قارىماي شەھىرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىدىغان ئېغىزدا تىكەنلىك سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان تۈرمىگە ئوخشايدىغان جاينى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ يەرنى لاگېر دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىكەن.
ئۇ يەنە مايتاغدا ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق رايونغا يېقىن بىر مەسچىتنىڭمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مايتاغدا مەن بىلىدىغان بىر مەسچىت بار ئىدى. كېيىن نېمە ئۈچۈندۇر بۇ مەسچىت چېقىۋېتىلدى. مەسچىت چېقىۋېتىلگەن مەزگىل دەل 2017-2018-يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما مەسچىتنىڭ نېمە سەۋەبتىن چېقىلغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەت ئېنىقلىما بەرمىدى. سۈرۈشتۈرسەم، باشقىلار ماڭا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش ئۈچۈن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىشتى».
ئۇ مايتاغدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىرىكچىلىك ئەھۋالى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتايلارنىڭ ئۆز-ئارا سۆھبەتلىرىدە ئازسانلىق مىللەت دەپ ئاتىۋالغان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كەمسىتىش مۇئامىلىسى قىلىنىدۇ دەپ بىلىمەن. مېنىڭچە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ساۋاتسىز يەنى (خىتايچە بىلمەيدۇ)، ئۆز ئېتىقادىغا ئىشىنىدۇ دەپ كەمسىتىدۇ. بايا سىزگە ئېيتقىنىڭىزدەك ئۇلارنىڭ يەنى خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئازسانلىق مىللەتلەردىكى ياشانغانلار ئاساسەن خىتايچە بىلمەيدۇ، ياشلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىلا خىتايچە سۆزلەشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئازسانلىق مىللەت مەكتەپلىرى ئايرىم ئىكەن، ئۇلار ئانا تىلىدا ئوقۇيدىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلار خىتايلارغا قوشۇۋېتىلىپتۇ. يەنە بىرجەھەتتىن خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارغا پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. مانا بۇ كۆپ ساندىكى خىتايلارنىڭ قاراشلىرى».
ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ناھايىتى قىزغىن ۋە مېھماندوست ئىدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ خەۋەر-تەشۋىقاتلاردا ئېيتىلغىنىدەك زوراۋان، ئەسەبىي ئىدىيەدىكى كىشىلەر ئەمەس. چۈنكى ھازىر ئۇچۇر دەۋرى بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىن ئۇلار ھەققىدە يامان تەسىراتلار پەيدا قىلىنغان دەپ قارايمەن».
ۋاڭ شاڭنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىلگىرىكى ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ يىرىكلەشكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلىشىمچە ئىلگىرىكى ماۋ دەۋرىدە خىتايلار بىلەن يەرلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى دوستانە بولغان. 20-30 يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە خىتايلاردا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا باشقىچە نەزەردە قارايدىغان كەمسىتىش خاھىشلىرى بارغانچە كۈچەيگەن. بۇنى بۇ ئىككى مىللەتتىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت پەرقىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى قىزغىن مېھماندوست ۋە ئاق كۆڭۈل. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇ يەردىكى چېغىمدا بەزىلەرنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇلارنى شۇنچە ياۋۇز قىلىپ تەسۋىرلىشى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى».
ۋاڭ شاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلدىن كېيىن مايتاغدا يولغا قويۇلغان قاتتىق نازارەت ۋە چەكلىمىلەر ھەم 2019-يىلىدىن كېيىن كورونا ۋىرۇسىغا قارشى رايوندا يۈرگۈزۈلگەن تەدبىرلەر ئۇنى مايتاغدا قېلىپ تىجارەت قىلىشقا ئامالسىز ھالەتتە قويغان.
ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتقان ۋاڭ شاڭ 2019-يىلى ئاخىرى تەيۋەندە بىر مەزگىل تۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن مايتاغدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان. ئەمما دائىرىلەر 2020-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭغا خەۋەر قىلماستىنلا ئۇنىڭ مايتاغدىكى مىليون يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ سالغان زاۋۇتىنى ئىچىدىكى ئەسلىھەلەر بىلەن قوشۇپلا تۈزلىۋەتكەن. مايتاغدىكى 1200 مو يېرىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىپ نەتىجە قازىنالمىغان ۋاڭ شاڭ ئۆزىنىڭ قايتىدىن مايتاغقا قايتىش نىيىتى يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يۈرگۈزگەن خاتا سىياسىتىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىر تەيۋەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتايدىن تۆلەمگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.