يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق» نىڭ تەدرىجىي ھالدا «دۈشمەنلىك» كە قاراپ ئۆزگىرىشى ھەمدە بۇنىڭ نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان دىپلوماتىيە رامكىسىغا ئايلانغانلىقى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قوشنا دېڭىز تەۋەلىكىدە، جۈملىدىن تەيۋەن بوغۇزىدا ئاشكارا ھالدا ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى ھەمدە بۇنى ئۆزلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتلىرىگە قىلىنغان خىرىس ۋە تەھدىت، دەپ چۈشىنىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان شەكىللەردە بۇنىڭغا قارشى چارىلەرنى ئېلىشقا باشلىدى. خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تەيۋەننى ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى پەش قىلىشقا باشلاش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرماسلىققا چاقىردى. بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىيۇلدىكى ئىككى سائەتلىك تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە تەيۋەنگە قول تىقىشى ئوت بىلەن ئويناشقانلىققا باراۋەر. ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ھەيۋە كۆرسىتىشىگە قارىماستىن تەيۋەندە زىيارەتتە بولدى.
شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى بايانلىرىمۇ ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئەۋجىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ نىشانى تەيۋەننى ئىشغال قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكانىڭ ئورنىنى بېسىپ دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق كۈچكە ئايلىنىشتەك بىر نىيەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەدرىجىي ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى لىندسېي گرام (Lindsey Graham) بۇ خىل رېئاللىق ھەققىدە سۆز قىلغاندا «بىز تەيۋەن مەسىلىسىگە كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان ھەمدە كوممۇنىزمغا قارشى تۇرىدىغان مەيدانىمىزنى ئاشكارا ئىپادىلىشىمىز كېرەك. بىز خىتايغا قانچە يول قويساق خەتەر شۇنچە زورىيىدۇ» دېيىش ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنەندېز (Bob Menendez) بولسا بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ: «ھازىرقىدەك خىتاي تەھدىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھۋالدا تەيۋەننىڭ دېموكراتىيەسى، شۇنىڭدەك بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز مەيلى ھەربىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ياكى قىممەت قارىشى جەھەتتىن بولسۇن بىردەك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ تەيۋەننى ھىمايە قىلىشىمىز بەكمۇ ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قەدەمنىڭ تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «تەيۋەن سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى «تەيۋەن سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاش چۇقانلىرى يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللانغان ئوچۇق ئۇچۇر دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ «رۇسىيەنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىنسا رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇچرىغان ئاقىۋەتكە خىتايمۇ ئوخشاشلا ئۇچرايدۇ» دېگەن مەنىدە ئىكەن. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەلگۈسى تۆت يىلدا تەيۋەننى بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن «بىخەتەرلىك ياردەم مەبلىغى» بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەننى خۇددى ئىسرائىلىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيەگە ئوخشاش «NATO غا ئەزا بولمىغان ئىتتىپاقداشلار» غا ئايلاندۇرىدىكەن. بۇنداق بولغاندا تەيۋەن دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي قورال-ياراق جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك دەرىجىسى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە چىقىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى جون كالۋېر (John Culver) بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى نامايەندە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ (ئاۋام پالاتا) رەئىسى زىيارەتكە كەلگەننىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىنكاسىغا قارىساقلا بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ قانۇن لايىھەسىگە <تەيۋەن> دېگەن نام ئىشلىتىلگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ مەبلىغى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگۈچىلەرگە ھەربىي قورال-ياراق ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىن ئېتىشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ رازىمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە بولغاندا تەيۋەن ئىسمى ياكى جىسمى يوق بىر رايونغا ئايلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە ئامېرىكا ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەننى NATO غا ئەزا بولمىغان ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىرى قىلىپ چىقىدۇ.»
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم تەيۋەندە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن تەيۋەن بوغۇزىدا كۆرۈلدى. «نەنسىي پېلوسىنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش» ھەققىدە خېلى بالدۇرلا جار سېلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئاشۇ زىيارەتتىن كېيىن تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي قوراللارنى، جۈملىدىن راكېتالارنى ئېتىپ ھەربىي مانېۋىر قىلىشى بۇنىڭدىكى بىر تىپىك ھادىسە بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە بارغانسېرى ئەزۋەيلەپ كېتىۋاتقاندا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا باسقۇچتىكى نويابىر سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا تەيۋەنگە مايىل بولغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن. چۈنكى نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ماھىيەتتە بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ نۆلگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جون كالۋېر مۇنداق دەيدۇ.
«ھازىرقى مەسىلە ئەمەلىيەتتە كۆپ قىرلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. چۈنكى راستىنى ئېيتقاندا بۇ يەردە خىتاينى ھەربىي كۈچنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇرلىغۇدەك ھېچقانداق تەھدىت مەۋجۇت ئەمەس. ياۋۇزلارچە دۈشمەنلىك ياكى غايەت زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى دېگەنلەر ھازىر ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشتە كۆرۈلگەن ھادىسىلەردۇر. خىتاي تەرەپنى ئالساق ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك تارىخىدىكى ۋىيېتنامغا، ھىندىستانغا، شىمالىي كورېيەگە ئەسكەر چىقارغانلىقى ۋە ئۇ جايدا نېمە بولغانلىقىنى يادىغا ئالسىلا بۇنىڭدىن يېتەرلىك ساۋاققا ئېگە بولالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ھەمكارلاشقۇچى بولۇۋاتقان تەيۋەن ئۈچۈن بۇنداق بىر قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كۆپ تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. تەيۋەننىڭ ئۆزىنى ئالساق ئۇلار دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىقتى. ئۇلار بىركىمگە تەھدىتمۇ سالغىنى يوق. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ياكى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتكۈدەك، شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە پايدىلىق بىرەر چوڭ ۋەزىيەتنى ياراتقۇدەك ئىقتىدارىمۇ يوق.»
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىپ قالسا بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۈزۈل-كېسىل «قول يۇيۇۋېتىش» ۋەزىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك «ئالىي رەھبەر» دەپ ئېلان قىلىنغاندا بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقسا شۈبھىسىزكى خىتاي بۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولۇشى ئېنىق ئىكەن. بۇ بولسا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جون كالۋېر نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى باھالاش توغرا كەلسە ئامېرىكا مەيلى قايسىلا جەھەتتىن ئالغاندا يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
«خىتاينىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ئەمەس. 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇلار جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىپ نۇرغۇن ساندىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورناتتى. 2019-يىلىدىن كېيىن بولسا بۇ خىلدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ھىندىستان چېگراسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلار بۇ جايدا ھەربىي قىسىملارنى ۋە ھەربىي قۇرۇلۇشلارنى كېڭەيتتى؛ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان تېررىتورىيەدە زورلۇق بىلەن چارلاش مەشغۇلاتى قىلدى. كېيىن بېرىپ ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن تۇتۇشۇپ باقتى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىقتى. خىتاي ئەسلىدە ئەنە شۇ ۋەقەلەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ھازىرقى تەيۋەن بوغۇزىدا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان كىرىزىستا ساۋاقلار بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ھازىر ھېچقايسى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. خىتاي ئارمىيەسى ھازىر ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. مۇنداقچە ئالغاندا ئىككى تەرەپ 2017-يىلىدىن باشلاپ قارشى تەرەپنى ئاساسىي دۈشمەن، دەپ تونۇپ بولدى. ئامېرىكا ھازىر ئىقتىساد، تاموژنا بېجى، ئىقتىسادىي جازا، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش دېگەن ساھەلەردە راۋۇرۇس قەدەم ئېلىپلا قالماستىن يەنە خىتاينىڭ قوشنىلىرىنى ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى بىر يەرگە ئېلىپ باردى. تېخىمۇ مۇھىمى تەيۋەن تولۇق دېموكراتىيە تولۇق ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بىر رايون بولۇپ، ئۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايچە شەكىلدىكى ئىچكى ئۇرۇش ياكى <بىرلىككە كەلتۈرۈش> شوئارىغا قىزىقمايدۇ. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى باشلاپ مېڭىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە شۇنداق بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، «تەيۋەن سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاش ھەققىدىكى چۇقانلارغا ئەگىشىپ خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسىمۇ «قاتتىق» خاراكتېر ئېلىشقا يۈزلەنمەكتىكەن. بولۇپمۇ پۇتىننى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ھەر جەھەتتە ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەسكەن. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئاستىن (Lloyd Austin) بىلەن بولغان يېقىنقى سۆھبەتتە «تەيۋەندە ئۇرۇش باشلاشتىن ھېچقانداق نەرسە بىزنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن بولۇپ، بەزىلەر مۇشۇ ھالغا قاراپ «شى جىنپىڭ قايتىدىن ھوقۇقنى قولغا ئالسا ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن <تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش> نامىدا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتىكەن.