تەيۋەنلىك ئىستۇدېنتلارنىڭ «شىنجاڭ سەپىرى» تەيۋەنلىك مۇستەقىلچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.07.18
teywen-xj-oqughuchi-1024 شىنجاڭ تەيۋەن ئىككى جايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈنەس ناھىيەسى نارات بازىرى ئۇلاستاي چارۋىچىلىق مەيدانى باشلانغۇچ مەكتىپىدە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 10-ئىيۇل، نارات
www.xjnu.edu.cn

«خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدا، تەيۋەن ۋېيكېر ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ يوڭشىياڭنىڭ (朱永祥) تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش شىنجاڭ سەپىرى _ «شىنجاڭ ۋە تەيۋەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ سەپىرى _شىنجاڭ ۋە تەيۋەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، 11-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتكە تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 17 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 6 نەپەر ئوقۇغۇچىسى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت جەمئىي 10 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

خىتاي تەيۋەننى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ سەپىرى _ «شىنجاڭ ۋە تەيۋەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىك بىر قىسىم مۇستەقىلچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ (TETA) رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ (何朝栋) ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتسىز ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۆتكەن يىلى 27-دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ تەيۋەن پارلامېنتىدا رەسمىي يوسۇندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ ماقۇللاندى. مەن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىر كۈچىنى ناھايىتى زور دەپ ئويلايمەن. ئەمما كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ . ۋاھالەنكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيۋەندىكى بىر قىسىم خەلق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا كەڭ كۆلەملىك ھالدا تۇتقۇن قىلىشى ھەققىدىكى ئەھۋاللاردىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە، ۋەزىيەت ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قىزىقمايدىغان، خەۋەر-ئۇچۇرلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرمايدىغان كىشىلەر، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئاسانلا خىتاينىڭ ئويۇنىغا ئالدىنىپ كېتىدۇ.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پائالىيەت جەريانىدا بۇ ساياھەت ئۆمىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ناھىيەسى، بورتالا ئوبلاستى ۋە ئىلى ئوبلاستلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» مائارىپ مەركىزىنى كۆرگەزمە قىلىش، شۇنداقلا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش سەنئەت پائالىيىتى ۋە ئىككى رايوندىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سۆھبەت، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. تەيۋەنلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئورتاق ھالدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىرگە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەننىڭ بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشى ۋە ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەيۋەن بىلەن خىتاينى ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم.

تەيۋەن چۈنشەن نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى جۇاڭ رۈيلى (莊瑞琍) خانىممۇ تەيۋەن، خوڭكوڭ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى:

 «تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە پەرقلىق مەسىلىلەر بولسىمۇ، كېلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەردە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئەمما بىزنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇيىمىز بار. شۇڭا بىز ۋە چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر زىيالىيلار قوشۇنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىكى پەرقلەر ئارىسىدىن ئورتاق نىشان تېپىپ، يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، بىر-بىرىمىزنى ئەتراپلىق چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى ۋە تەيۋەندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېسىل تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەرگە باي ماكان ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ھەر مىللەت مىللەت خەلقىنىڭ تولىمۇ مېھماندوست، ئىتتىپاق ۋە دوستانە ئىكەنلىكىنى تەرىپلەشكەن.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى زىيارەت داۋامىدا، تەيۋەننىڭ ئەينى چاغدىكى قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىقىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، گەرچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاسىتە ۋە تەشۋىقات ئويۇنلىرى قوللانسىمۇ، ئەمما تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك مۇستەقىللىق قۇرۇلمىسىنى بارلىق كۈچى بىلەن قوغداپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي تۈركىستاننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. يېقىندا ياپونىيەلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ <خىتاينىڭ 70 يىللىق مۇستەملىكىسىدىكى شىنجاڭ> ناملىق كىتابى تەيۋەندە نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن. خوڭكوڭنى ئېلىپ ئېيتساق، خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى 50 يىل ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ۋەزىيەت پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، خوڭكوڭدا ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق مەن ئىشىنىمەنكى، بىز ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ كونترول قىلىشىغا يول قويمايمىز. ئەلۋەتتە، تەيۋەندىمۇ بىر قىسىم خىتايپەرەسلەر مەۋجۇت. خىتاي ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتىنى نىقابلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ماڭغۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ مەقسىتى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشتۇر. مەيلى ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ياكى تەيۋەن بولسۇن ھەممىسى بەلگىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن قەد كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇش غەرىزىنى تونۇپ يەتتى. يەنى، خىتاينىڭ تەيۋەندىن ۋاز كەچمەيدىغىنى ئېنىق. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، تەيۋەندە نۇرغۇن تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز چۈشكۈنلەشمەي، خىتايغا قارشى داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

دەرۋەقە، خەلقئارا تاراتقۇلاردا نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەيۋەننى «پەرەز قىلىنغاندىنمۇ تېز» ۋاقىتتا ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ قېتىم ئاتالمىش «شىنجاڭ سەپىرى _ «شىنجاڭ ۋە تەيۋەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى» پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن تەيۋەن ۋېيكېر ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ يوڭشىياڭ بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋەقەسىگە چېتىلغان شەخس ئىكەن. تەيۋەننىڭ «ettoday» خەۋەر تورىنىڭ 2022-يىلى 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنىكەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.