كەلگۈسى تەيۋەندە جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟
2024.01.16
تەيۋەن سايلىمىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ ھەربىي مانېۋىرى، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كۈچلۈك تەھدىتلىرىگە قارىماي، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى لەي چىڭدې 13-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بەش يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. غەرب مەتبۇئاتلىرى «دېموكراتىيەنىڭ بۈيۈك غەلىبىسى» ، «خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنى تەبرىكلەشكەن.
ھالبۇكى، تەيۋەن زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقىدەك مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بۇ «دېموكراتىيەنىڭ بۈيۈك غەلىبىسى» تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسكەن. ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان لاگېرلار تەيۋەندىمۇ قۇرۇلۇپ، مىليونلىغان كىشىلەر ۋە يەنە قانچە مىليونلىغان تەيۋەنلىك بالىلار لاگېرلارغا قامىلىپ، كوممۇنىست خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاش، مېڭە يۇيۇش جازالىرىغا مەھكۇم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ قاراشنى تەيۋەن زىيالىيسى جېڭ جېڭبىڭ يېقىندا «تەيۋەن خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «تەيۋەن 2033-يىلى ئاللىقاچان گۇلاگ ئارىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرگەن. «فىرانسىيە ئاۋازى رادىيوسى» 14-يانۋار بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەشۋىشلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن مەزكۇر ماقالىنىڭ كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بۇ خىل قاراشنىڭ رېئاللىققا تامامەن ئۇيغۇنلۇقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغانلىقلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى 70 يىلدىن ئارتۇق بىر زاماندا يولغا قويغان سىياسەتلىرى ھەمدە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ، بۇ تەيۋەنلىكلەرنىڭ دەرس ئېلىشىغا ئەرزىيدىغان بىر پاكىت ئىكەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە گۇلاگ ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن:
1813-يىلى رۇسىيە ئىمپېراتورى ئالىكساندىرIنىڭ مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ناپالېئوننىڭ ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ پارىژغا قەدەر بېسىپ كىرگەن چاغلىرىدا، بۇ جايدىكى دېموكراتىيە، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشلەردىن ھەيران قالىدۇ. ئۇلار نامرات موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندە، غەربنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى كۈچىيىپ، سىياسىي ئىسلاھات چۇقانلىرىنى ياڭرىتىشقا باشلايدۇ. چار پادىشاھ ئالىكساندېرI غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان بۇ ئەسكەرلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خەۋپ ھېس قىلىپ، ھەربىي قوماندانلار ۋە گېنېراللارنى ئۆلتۈرۈپ، ئەسكەر-چېرىكلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىدىيەسىنى تازىلايدۇ.
ئوخشاشلا 1945-يىلى ستالىن ئارمىيەسى ھىتلېرنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىنى بېرلىنغا قەدەر قوغلاپ كەلگەندە، رۇس ئەسكەرلىرى غەرب مەدەنىيىتىدىكى گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالىدۇ ۋە چۆچۈيدۇ. ئۇلار بېرلىندا بىر مەزگىل تۇرۇپ يۇرتلىرىغا قايتقاندا، ستالىن سىبىرىيەدە گۇلاگ ئاراللىرىنى قۇرۇپ، كۆزى ئېچىلىپ ئويغانغان بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ.
ماۋ زېدۇڭ 1950-يىلى «توپىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى» قوزغاپ، 2 مىليونغا يېقىن گومىنداڭچىلارنى قىرىپ تاشلايدۇ. 1955-1957-يىللىرى يەنە بىر قېتىم تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 1 مىليون ئىنساننى جياڭ جيېشىغا چېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى قۇرۇشنى باشلاپ، 2017-يىلى تۇتقۇنلار ئەۋجىگە چىققاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولايدۇ. تۇتقۇنلارغا قارىتا ھاقارەتلەش، ئاچ قويۇش، يالغۇز قويۇپ قىيناش، ئۇرۇش، قىيىن-قىستاق، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، غايىب قىلىۋېتىش، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش قاتارلىق جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ.
تەيۋەن دۆلەتلىك يۈنلىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ جېڭبىڭ «تەيۋەن 2033-يىلى ئاللىقاچان گۇلاگ ئارىلىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ «گۇلاگ ئارىلى» غا ئايلىنىپ قېلىشىغا تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەب بولىدىكەن:
بىرى، خىتاينىڭ تەيۋەننى سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتە ئۆزلىرىگە ‹تەھدىت› دەپ قارىشى؛ ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن داۋاملىق كۈچىيىشى؛ ئۈچىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ ئالدىمىزدىكى 10 يىلدا تەيۋەننى چوقۇم بوي سۇندۇرۇش ئىرادىسى؛ تۆتىنچىدىن، خەلقئارادىكى ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشى.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىۋالغاندىن كېيىن جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن. خىتاي ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرمۇ كەلگۈسىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ تەمىنى تېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەگەر تەيۋەن بويسۇندۇرۇلغان تەقدىردە، ھېچبولمىسا تۆۋەندىكىدەك 4 خىل پاجىئە يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن:
1. تەسلىم بولغان ئەسكەرلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرقانچە مىليون كىشى شەپقەتسىزلەرچە قىرىپ تاشلىنىدىكەن، ماۋ زېدۇڭ 50-يىللاردا قوللانغان ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى شى جىنپىڭ ئەمدى تەيۋەنلىكلەرگە تەدبىقلايدىكەن.
2. تەيۋەن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلىشىدىكەن. بۇ چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى مىليون كىشىلىك ئارمىيەسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، 50-يىللاردا قوللانغان «شىمالىي كورېيە (چاۋشيەن) گە ياردەم بېرىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، «تەيۋەن پىدائىيلار قوشۇنى» نى قۇرۇپ چىقىدىكەن. خىتايغا قارشى ئۇرۇشنى خالىمىغان، تىنچلىقپەرۋەر تەيۋەنلىكلەردىن نۇرغۇنلىغان ياشلار ئەمدى ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۆلۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن.
3. خىتاي تەيۋەندە ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغانغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ، مىليونلىغان تەيۋەنلىكلەرنى قامايدىكەن. بىراق خىتايغا قارىغاندا ياپونلار ۋە ئامېرىكالىقلارنىڭ مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ يېقىن بولغان تەيۋەنلىكلەرگە قوللىنىدىغان باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ۋەھشىيلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدىكەن، تەيۋەنلىكلەرنى تېخىمۇ ئىلغار بولغان زامانىۋىي جازا تەدبىرلىرى بىلەن قىيناپ ئۆزگەرتىدىكەن
4. بالىلار لاگېرلىرى تەيۋەندە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلىدىكەن. بۇ بالىلار لاگېرلىرى «يېڭى گۇلاگ ئارىلى» دەپ ئاتىلىدىغان تەيۋەننىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدىكەن. خۇددى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە تىبەت بالىلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇغاندەك، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى تەيۋەنلىكلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلايدىكەن. بۇ بالىلار قىزىل كىتابلارنى ئوقۇش، شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، كومپارتىيەنى ياخشى كۆرۈش، ئاتا-ئانىسىنى ئۆچ كۆرۈش، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى رەت قىلىشنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ماڭقۇرتلىشىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
غەيۇر قۇربان ئەپەندى سۆزىدە يەنە بارغانسېرى كۆپ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىتلىرىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى، لەي چىڭدېنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ بۇنىڭ روشەن بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاپتور ماقالىسىدە، يۇقىرىقىدەك پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسىنى «ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دوست دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش» دەپ قارىغان. ئۇ سۆزىدە، خىتايغا قارشى بۇنىڭدىن باشقا بىر يولنى تۇتقاندا، مەسىلەن خىتايغا تەسلىم بولغاندا ياكى خىتاي بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، بۈگۈنكى تىنچ، خاتىرجەم، دېموكراتىك تەيۋەن مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ يەردە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان «يېڭى گۇلاگ تاقىم ئارىلى» پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.