تەيۋەن پرېزىدېنتى «تەربىيەلەش مەركىزى» مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

3-ئاينىڭ 12 كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» نى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئورگىنى ۋە تەيۋەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرگە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا دىنىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۈنگوڭچىلاردىن سىرت، ئاسىيا قىتئەسىدە دىنىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆركەش دۆلەت، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان.

تەيۋەندە چاقىرىلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېنمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، سۆزلىگەن سۆزىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن مەغلۇبىيەت تەرىپىگە قاراپ قەدەم باسىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئارقىدىن بۇ يىغىننى چاقىرىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكانىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ھازىرقى ترۇمپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام بروۋىنباك ئەپەندى سۆزلەپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

بۈگۈنكى يىغىندا رۇشەن ئابباس خانىممۇ سۆزلىگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ يىغىنغا قاتناشقان سىياسەتچى، دىپلومات ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھىم كىشىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، يىغىنغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 12-چېسلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.