تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 12-مارت كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى تىم گروس ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى، ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.
يىغىن ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە قارشى نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، يىغىندا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى تىم گروس خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ رەھبىرى بافۇ ۋە ئۆزىنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى، ئۆز نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر قانچە نۇقتىغا بۆلۈپ، ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بۇنداق بىر ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتايغا قانداق رېئاكسىيە كۆرسىتىش توغرىسىدا توختالغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈچەيگەنسېرى چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردە قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەيۋەندە چاقىرىلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان غەرب ئەللىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. يىغىننىڭ ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ھەققىدىمۇ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلار بىلەن بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا ئامېرىكانىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ھازىرقى ترۇمپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام بروۋىنباك ئەپەندى قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيۋەندە چاقىرىلغان ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
3-ئاينىڭ 11-كۈندىن 12-كۈنىگىچە داۋاملاشقان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنى» نىڭ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن سۆزلىگەن سۆزىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن مەغلۇبىيەت تەرىپىگە قاراپ قەدەم باسىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.
0:00 / 0:00