«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئادۋوكات خې چاۋدۇڭ ئەپەندىنىڭ 18-مارت رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 14-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان 2020-يىللىق «سېپىلسىز تۈرمە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمە، تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەيجۇڭ شەھرىدە 14-مارت شەنبە كۈنى باشلانغان.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كۆرگەزمە باشلانغان تۇنجى ھەپتىسىلا نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەت ۋە رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن زىيارەتچىلەر، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ زور قىزىقىشى قوزغالغان.
خې چاۋدوڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ خىل كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى تەيۋەنلىكلەر، بولۇپمۇ تەيۋەن ياشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن. چۈنكى تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. چۈنكى. بىز بۇلتۇر 10-ئايدا ‹سېپىلسىز تۈرمە: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى› ناملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، بۇ كۆرگەزمىنى بىرقانچە قېتىم ئۆتكۈزدۇق. بۇ قېتىم تەيجۇڭ شەھرىدە ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ كۆردى. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. 14-مارت شەنبە كۈنى كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيانقى بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا كېلىپ كۆرگەن ياشلار ئىنتايىن كۆپ بولدى.»
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمنى تەيۋەندىكى «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»، «تەيۋەن تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى»، «تەيۋەن ياشلار فوندى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئۈچ ھەپتىلىك كۆرگەزمە پائالىيىتىدىكى ئاساسلىق تېما ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ خوڭكۇڭ ۋە تەيۋەنگە قاراتقان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم؟؟ سىياسىتىدىكى ئالدامچىلىق ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشكە قارىتىلغان.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆرگەزمىگە ئەسلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە تەيۋەندە ئېلىنغان تەدبىرلەر سەۋەبلىك، كۆرگەزمە پائالىيىتىدىكى بەزى پروگراممىلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ ئەسلى مەزكۇر كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 18-مارت كۈنى، ياپونىيەدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك، تەيۋەندە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر 14 كۈن كارانتىنغا ئېلىنىش بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم تەيجۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «سېپىلسىز تۈرمە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمىدە دوكلات بېرىش پىلانىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ھەر كۈندىكى كۆرگەزمىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىرقانچە قېتىملىق ‹سېپىلسىز تۈرمە: بۈگۈنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى› ناملىق كۆرگەزمە پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى خې چاۋدوڭ ئەپەندى «سېپىلسىز تۈرمە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى» ناملىق كۆرگەزمە پائالىيىتىنى بۇلتۇر 10-ئايدا باشلىغاندىن بۇيانقى بىرقانچە قېتىملىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ۋە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەيۋەندىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى تەيۋەنلىكلەرگە «ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى» نىڭ ماھىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بەردۇق دېگەن ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويۇشتا، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنلىكلەرگە تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇتۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى دېيىشكە بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى:» كۆرگەزمىنى كۆرگەن تەيۋەنلىك ياشلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلىنغان ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. مېنىڭچە ھازىر كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم› ناملىق ئالدامچىلىق سىياسىتىگە ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىز بۇنىڭ نەتىجىسىنى بۇ يىل 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆردۇق دېسەك بولىدۇ. مېنىڭچە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكلەر ئاتالمىش ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم›، نى قوبۇل قىلمىدى، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.»
0:00 / 0:00