تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 2019-يىل 9-ئايدا تەيۋەندىكى بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى جەمئىيەت بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان «سېپىلسىز تۈرمە - شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا بىرقانچە قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى 7-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 3- ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئىيۇل كۈنى تەيبېي شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسىدا «سېپىلسىز تۈرمە-شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش توختىمىدى» دېگەن تېمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقى خاتىرىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاش توغرىلىق تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
3-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى سىن فىلىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا تەيۋەن قانۇن كومىتېتىدىن چېن بوۋېي ئەپەندى، تەيبېي شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن لىن يوڭزې ئەپەندى ۋە خۇاڭ يۈفىن خانىملار «5ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 3-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىدا تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇرلار زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مانجۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىستىلا قىلىنغانلىقىدەك تارىخىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاڭلىتىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنكى 11 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشىنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان 2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، 90-يىللاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نىڭ ئىنتايىن رەھىمسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ جىددىي رەۋىشتە ئازىيىپ بارغانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بېرىلگەن. مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىغا تەيۋەندىكى يەرلىك تاراتقۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي تىللىق مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن.
خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە 5-ئىيۇل كۈنى تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا جەمئىيەتنىڭ تەيبېي شەھىرىدىكى پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سېپىلسىز تۈرمە-شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش توختىمىدى» ناملىق پائالىيەت ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. بۇ پائالىيەتتە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلگەن.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى كەچتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە سۆھبىتىگە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور شاۋ يۈخې ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. تەيۋەندە تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن ۋۇ رۇيرېن ئەپەندى ۋە يازغۇچى خو چېڭخۇي ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خې چاۋدۇڭ ئەپەندى تەمىنلىگەن سىن فىلىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلمىي مۇھاكىمە سۆھبىتىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە 2009-يىلدىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىشى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىلگەن.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە 1990-يىلدىكى «بارىن ئىنقىلابى» ۋە 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدىمۇ تونۇشتۇرۇش ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى تەيۋەندىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللاۋاتقان ياشلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى بىلىش ۋە تونۇپ يېتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىمى تەيۋەن ھۆكۈمىتىدىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىلدىن بۇيان تەيۋەندە تۇنجى قېتىم خاتىرىلىنىشى شۇنداقلا تۇنجى قېتىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بولمىغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىشى ئىكەن.
0:00 / 0:00