2019-يىلى قۇرۇلغان «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 15-نويابىر يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خې چاۋدوڭ ئەپەندى يىغىننىڭ نېمە ئۈچۈن 15-نويابىر كۈنى ئېچىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى؛ «بۇ يىغىننى نېمە ئۈچۈن بۇ كۈنگە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، 1933-يىلى12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 13-14-نويابىر كۈنلىرى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ مۇھىم قارارلارنى ئالدى. شۇڭا بىز ‹تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى› دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ماس قەدەمدە تەيۋەندە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق.»
خې چاۋدوڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-نويابىر تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا، تەيۋەن سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى لى فۇ جۇڭ، تەيۋەن دۆلەت ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ھەيئىتى پروفېسسور دوڭ لىۋېن، ھەربىي ئىشلار سەھىپىسى يازغۇچىسى لو سىبىڭ قاتارلىق ئۈچەيلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە سۆھبەت يىغىنىدىكى دوكلاتلار مەزمۇنى ۋە مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلار ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاي «شىنجاڭ»، يەنى «يېڭى چېگرا» دەپ ئاتىۋالغان، شەرقىي تۈركىستانننىڭ خىتاي دېگىنىدەك «ئەزەلدىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمى» ئەمەس بەلكى بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يىقىلىشىغا سەۋەب بولغان تارىخىي ئامىللار ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى بولغان.
خې چاۋدوڭ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقۇن ۋاقتى قىسقا بولدى. ئۇلار قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. شۇڭا دۆلەت قۇرۇلۇپ دەۋر سۈرگەن ۋاقتى قىسقا بولدى. مېنىڭچە بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلەر ئەگەر تەيۋەندە مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇلسا پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇستەقىل دۆلەتنى قايسى ۋاقىتتا قۇرۇش ۋە مۇستەقىللىققا تەييارلىق قىلىش باسقۇچى مۇستەقىل دۆلەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىققا تەييارلىق ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغاندا قۇدرەتلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ بېسىمدا بۇ مۇستەقىل دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ. مانا بۇ ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە».
خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە ئىككى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرە كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىستىگىدىكى تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خې چاۋدوڭ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ كەچمىشلىرى ئارىسىدا قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر بار؟ دېگەن سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش‹قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى› دېگەن نامدا ئاتالغان لاگېرلار بولسۇن، ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرى بولسۇن، بۇلار بىلەن ئوخشاش نۇقتا ئىلگىرىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدۇر. ئەلۋەتتە تەيۋەندە ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندىكىدەك لاگېرلار مەۋجۇت بولمىغان. زۇلۇممۇ ئۇ قەدەر ئېغىر بولمىغان. لېكىن تەيۋەندە خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. بىزدە 28-فېۋرال قىرغىنچىلىقى، ۋە 30 يىلدىن ئارتۇق مۇستەبىت زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى. بۇ مەزگىلدە تەيۋەننىڭ يەرلىك تىلى چەكلەندى، تەيۋەننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بىلەن تەيۋەنگە كەلگەن جۇڭگولۇقلار ئېرىشىدىغان ئىمتىيازلاردا زور پەرقلەر بولدى، تەيۋەنلىكلەر ئاشكارا كەمسىتىشكە ئۇچرىغانىدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەش ئىمتىھانلىرىدا تەيۋەنلىكلەرگە قاتمۇ-قات چەكلىمىلەر قويۇلاتتى. يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى كونترول قىلىناتتى ۋە باشقا چەكلىمىلەر دېگەندەك».
خې چاۋدوڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تەيۋەندە دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تەيۋەنلىكلەر ئارىسىدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تەيۋەننىڭ ھازىرقى نامىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنلىقىنى بىلدۈرىدىغان «جۇڭخۇا مىنگو» نامى بىلەن ئاتالسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئەۋلاد ياش تەيۋەنلىكلەر ئارىسىدا 80% كە يېقىن كىشىنىڭ پەقەت تەيۋەن نامىنى قوللىنىش تەشەببۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ۋە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىدەك تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
0:00 / 0:00