تەيۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

26-نويابىر كۈنى تەيۋەندە «خوڭكوڭغا ياردەم، خىتاينىڭ زوراۋانلىقى، تەيبېي مۇھاكىمىسى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى.

يىغىندا خوڭكوڭ نامايىشىدا تۇتقۇندىن قاچقان مۇساپىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە يېقىنقى 2 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى، تىبەت ۋەزىيىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن يىغىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 26-نويابىر رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەندە ئېچىلغان «خوڭكوڭغا ياردەم، خىتاينىڭ زوراۋانلىقى، تەيبېي مۇھاكىمىسى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 26-نويابىر تەيۋەن پايتەختى تەيبېيدە ئېچىلغان «خوڭكوڭغا ياردەم، خىتاينىڭ زوراۋانلىقى، تەيبىي مۇھاكىمىسى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «تەيۋەن خەلق گېزىتى» (1923-يىلى قۇرۇلغان) ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان سىياسىي پارتىيەلەردىن «تەيۋەن ئىتتىپاقچىلار بىرلەشمىسى» (2001-يىلى قۇرۇلغان) نىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىن ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا خوڭكوڭ نامايىشىدا تۇتقۇندىن قاچقان مۇساپىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە يېقىنقى 2 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى، تىبەت ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننى «تەيۋەن خەلق گېزىتى» «تەيۋەن ئىتتىپاقچىلار بىرلەشمىسى» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، يىغىنغا يەنە تەيۋەندىكى باشقا دېموكراتىك تەشكىلاتلاردىن «تىبەت ياشلار بىرلىكىنىڭ تەيۋەن شۆبىسى»، «خىتاينى دېموكراتىيە ئارقىلىق ئازاد قىلىش جەمئىيىتى»، «ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى»، «تەيۋەننىڭ مۇساپىرلار قانۇنىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلاردىمۇ ۋەكىللەر قاتناشقان.

يىغىنغا «تەيۋەن ئىتتىپاقچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ 2016-يىلدىن بۇيان رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان جىيەن يىدې ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىيەن يىدې ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

يىغىن مەيدانى ھەققىدىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدە، جىيەن يىدې ئەپەندى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان رېئال ۋەزىيەتتىن تەيۋەنلىكلەرنىڭ خەۋەردار بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە خوڭكوڭدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى يېڭى ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىن، خوڭكوڭدا 6 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىدا، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنىدىن قېچىپ، تەيۋەنگە كەلگەن مۇساپىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى تەيۋەندە كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىلدى دەپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تەيۋەن خەلقىگە مەلۇمات بېرىش، تەيۋەنلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئېچىلغان دېيىشكە بولىدىكەن.

يىغىندا جىيەن يىدې ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «21-ئەسىردىكى ئەڭ زور، ئەڭ زوراۋان، ئەڭ قەبىھ ھاكىمىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇڭا ھەر مىللەت خەلقى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاتالمىش ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتىۋالغان جاينىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتتىن كېلىپ «شەرقىي تۈركىستان› نامىدىكى بۇ جاينى بېسىۋالغان. ھازىر خوڭكوڭ خەلقى ئەنگىلىيەنىڭ 150 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئورنىتىلغان قانۇن ئېڭىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پارچىلاشقا يۈزلەندۈرىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ بار، ئۇنىڭ بىرى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، يەنە بىرى ئۇيغۇرلار.»

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىدا خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشتا قوللانغان زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى، تۇتقۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىشى، بەزى نامايىشچىلارنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دەپ ئېلان قىلىنغان ئەھۋاللارنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدىلا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قىلمىشلىرىدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي نەقىللەر ئارقىلىق بايان قىلغان.

26-نويابىر كۈنى مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان «تەيۋەن خەلق گېزىتى» يەنى «تەيۋەن مىنباۋ گېزىتى» «يىغىن ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ماقالىدە، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ 26-نويابىر تەيۋەندە بەرگەن دوكلاتىدا يېقىندا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ مۇزاكىرە تېمىسى بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى يوليورۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ھەققىدە توختالغانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.