«تېز مودا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» سەرلەۋھىلىك يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 22-ئىيۇن كۈنى «تېز مودا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» سەرلەۋھىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ تېز مودا ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان:

بىرىنچى، تېمۇ (Temu) ۋە شېئىن (Shein) نىڭ ھەر كۈنى ئامېرىكا تاموژنا بەلگىلىمىلىرىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكاغا ئەۋەتىلگەن ماللىرى بارلىق ماللىرىنىڭ 30 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

ئىككىنچى، تېمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) ۋە باشقا چەكلىمىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىڭ خىتاي مال تەمىنلىگۈچىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا مال ئەۋەتكەن.

ئۈچىنچى، تېمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ھېچقانداق پەرۋا قىلمىغان، ھەتتا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش مەلۇماتلىرى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق دوكلات بەرمىگەن.

تۆتىنچى: تېمۇ ئۈچىنچى تەرەپ مال ساتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشىنى چەكلىمىگەنلىكىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان.

كارخانا جاۋابكارلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ۋە ITC نىڭ سابىق كومىسسارى دىئان پىنكېرت (Dean Pinkert) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «پەۋقۇلئاددە كومىتېتنىڭ دوكلاتى ئىستېمالچىلارنىڭ تۆۋەن تەننەرختىكى ئىمپورتنى ئازايتىشنىڭ تەسىرىنى چۈشىنىشىگە زور ياردىمى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) نى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنىڭ قانداق قىلىپ قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. دوكلاتقا قارىغاندا، پارلامېنتنىڭ CBP بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆۋەن تەننەرختىكى ماللار، يەنى de minimis قا ئائىت تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىشى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ئىستېمالچىلارغا تەمىنلىنىشى ئامېرىكا قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر.»

پەۋقۇلئاددە كومىتېتنىڭ رەئىسى مايىك گاللاگېر مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تۋىتتېر ھېساباتىدا «تېمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمايۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكادا تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە يانتاياق بولۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى نۇقتىلارنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، پەۋقۇلئاددە كومىتېت كۆرسەتكەن نۇقتىلارغا تامامەن قوشۇلىدۇ. يەنى تېمۇ شىركىتىنىڭ ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزگۈدەك قانۇنىي سىستېمىسى يوق. مەن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى تېمۇ شىركىتىنى دەرھال جازا تەدبىرى قوللىنىلىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىرىمەن. ئىستېمالچىلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تېمۇنىڭ تور بېتىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا قاراپ باقسا بولىدۇ. ئۇلار بېتىدە ئوچۇق قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان دەپ يېزىلغان. بۇ تېمۇ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشىدىن ساقلىنىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. شۇڭا ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، تېمۇ شىركىتىنىڭ ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا قەتئىي كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولغان تېمۇ شىركىتىنىڭ بارلىق ماللىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى قوللايدۇ.»

ئامېرىكانىڭ «بلۇمبېرگ» خەۋەرلەر تورى 2022-يىلى شېئىندا سېتىلغان كىيىم-كېچەكلەردە ئىشلىتىلگەن پاختىنىڭ DNA سىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بۇ پاختىلارنىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى» 14-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ شېئىن، تېمۇ قاتارلىق سودا ئەپلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پەۋقۇلئاددە كومىتېت دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى، بولۇپمۇ نايكې، ئادىداس، شېئىن ۋە تېمۇ قاتارلىق شىركەتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.