تېڭ بياۋ: بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىدىكى چوڭ خىتايچىلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە مەنبەسى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش» تەشۋىقاتى كۈچەيدى.

ئامېرىكادىكى ئادۋوكات دوكتور تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمما ئاغزىدا خىتايدا دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەرغىب قىلىۋاتقان بىرقىسىم خىتاي پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە كەلگەندە، «خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى» تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە قارىتا توسقۇنلۇق قىلىش خاھىشلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلىمەكتە.

خىتاي پائالىيەتچىسى ئادۋوكات تېڭ بياۋ يېقىندا ئېلان قىلغان«خىتاي دېموكراتىيەلىشەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ئەھۋالنى «چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسى» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىن قېچىپ، غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئەركىن ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنى تەنقىدلەپ، « بۇ ئۇلاردىكى چوڭ خىتايچىلىق يەنى خىتاي شاۋۇنىزمىنىڭ ئىپادىسى، ئۇنىڭ مەنبەسى خىتاينىڭ جۇڭخۇا بىرلىكى تەشۋىقاتى ۋە خىتايلاردا تارىختىن مەۋجۇت بولغان ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنى يەكلەش ئەنئەنىسى» دېگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ خىل «خىتاي شاۋۇنىزمى» يەنى «چوڭ خىتايچىلىق» ئىدىيەسىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ«جۇڭخۇا بىرلىكى ئېڭى» نامىدىكى مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:« مەن بۇ كىشىلەرنى ھېچ بولمىغاندا مېڭىسى يېرىم يۇيۇلغان كىشىلەر دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ بىرقىسىمى سىياسىي قاراشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاراشلىرىنى تاشلاۋېتىپ ئويغاندى. مەسىلەن، ئۇلار بىر پارتىيەلىك تۈزۈمدىن ۋاز كېچىشنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشنى تەرغىب قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئەمما ئۇلار زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە چوڭ خىتاي بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنى شىنجاڭ، شىزاڭ، تەيۋەن، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە مېڭىسى يۇيۇۋېتىلگەن ھالىتىنى يەنى كومپارتىيە بىلەن ئوخشاش مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ».

تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدە مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان بىرقىسىم خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئۆزىدىكى بۇ خىل «چوڭ خىتايچىلىق» ئىدىيەسىنى چەتئەللەردە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتا قوللانماقتىكەن.

ئادۋوكات تېڭ بياۋ ماقالىسىدە بۇنداق كىشىلەردە ئۇلاردىكى دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش شوئارى بىلەن «خىتاي شاۋۇنىزمى» ئىدىيەسىنىڭ زىددىيەتلىك ھالەتتە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن ماقالەمدە، ئەگەر سەن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قارىشىڭدا چىڭ تۇرىمەن دەيدىكەنسەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل لوگىكا بويىچە ئېيتقاندا سەن مەلۇم جاينىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك، دېدىم. يەنى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھەققى بار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ياكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدە بولۇش ياكى بولماسلىق تەقدىرىنى بەلگىلەش ھەققى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. شۇڭا مەن ئۇلارنى(خىتاي دېموكراتلىرىنى دېمەكچى) ئۆز ئىدىيەسىدىكى بۇ خىل زىددىيەتلىك قاراشنى ھېس قىلالمىدى دەپ قارايمەن. يەنى ئۇلار بىر تەرەپتىن دېموكراتىيە دەپ توۋلايدۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ‹چوڭ بىرلىك› يەنى› خىتاي بىرلىكى› دە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار ‹ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش› نى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ بەكمۇ بىمەنىلىك».

تېڭ بياۋ ئەپەندى «بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:« توغرا، بىرقىسىم سەۋەبى مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى بۇ خىل پىكىر ئېقىمىدىكى مۇھىت ئۇلاردا مىللىي باراۋەرلىك مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي تارىخىدا <بىر خىتاي بىرلىكى> تەشەببۇسى داۋاملىشىپ كەلگەن، ئۇنىڭدا مىللىي كەمسىتىش ئېڭى ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇ قاراشتا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى <ياۋايىلار>،<دۈشمەن قەبىلىلەر> دەپ ئاتاش ئومۇملاشقان. ھەرۋاقىت باشقىلارنى خىتايلاشتۇرۇش يەنى خىتايغا قوشۇۋېلىش تەشەببۇسى < ئۇلۇغ جۇڭخۇا بىرلىكى>، <چوڭ خەنزۇچىلىق> دېگەنلەردە ئىپادىلىنىپ كەلگەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قالاق چىرىگەن تاشلىۋېتىش زۆرۈر بولغان قاراشلار. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى كۆپلىگەن خىتاي خەلقىدە بۇ قاراش مەۋجۇت».

تېڭ بياۋ ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىدىكى «خىتاي شاۋۇنىزم» ئىدىيەسىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتايدا ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى كۆپلىگەن كىشىلەر، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىدىكى بۇ خىل<خىتاي شاۋۇنىزىم> ئىدىيەسىنى ھېس قىلالمايدۇ. زىيالىيلار ئەسلى بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشى زۆرۈر ئىدى. ئەمما كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرى بۇ جەھەتتە خىتايدىكى ئاددىي پۇقرالارغا ئوخشاش دېسەك بولىدۇ. ئۇلاردا قايتا ئويلىنىشتىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ يوق. ھەتتا بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشنى، بۇنى تونۇپ يېتىشنى خالىمايدۇ، مانا بۇ ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق مەسىلە».