ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «تىك-توك» نى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەردە ئەكس ئەتكەن بىر مۇھىم ۋە ئورتاق تېما ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىگە باغلىنىشلىق جاسۇسلۇق قورالى بولۇپ قالغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ۋە ئاۋام خەلق ئارىسىدا بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا ۋە مۇنازىرىلەر ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقتىن بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم چىگىشلەرنى يېشىش ھەمدە چۈشەنچە بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 23-مارت كۈنى تىك-توك ھەققىدىكى تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما گۇۋاھلىق يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى تۈگۈچلەر يېشىلىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ زور يالغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە چىقتى. ئەنە شۇ خىلدىكى پىكىرلەرنىڭ بىرى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جاش روگىن (Josh Rogin) ئىمزاسىدا 29-مارت كۈنى روياپقا چىقتى.
ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، تىك-توك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان جۇ شوۋزى (Shou Zi Chew) بىر قىسىم كىشىلەر كۈتكەندەك ئالدىن تەييارلىۋالغان جاۋابلارنى تەكرارلاش ئارقىلىق تىك-توك ھەققىدىكى بىر قاتار سۇئاللاردىن داجىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان. شۇ قاتاردا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دېببى لېسكو (Debbie Lesko) خانىم سورىغان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ھەققىدىكى سوئالمۇ مۇشۇ خىلدىكى گەپ يورغىلىتىشقا دۇچ كېلىپ، تىك-توكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىنى قىسمەن بولسىمۇ ئەكس ئەتتۈردى. ئەمما شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تىك-توك ھەققىدىكى كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى جانلىق مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىلدى.

گۇۋاھلىق يىغىنىدىكى ئۇيغۇر شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى بىردەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغان تىك-توك ۋە ئۇنىڭ باش شىركىتى بولغان ByteDance گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. ئەمما ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە قاتارىدا مەيلى تىك-توك بولسۇن ياكى ByteDance گۇرۇھى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ByteDance گۇرۇھىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاشكارا تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن باشلانغان 2015-يىلىدىن بۇيان مىڭلىغان كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۈندىدار ۋە تىك-توكنىڭ خىتايچە ۋارىيانتى بولغان «دويىن» نىڭ بۇ كىشىلەر سادىر قىلغان «جىنايەت» لەر ئۈچۈن ئىسپات بولغانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە سىر ئەمەس. بولۇپمۇ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق شەخس باشقۇرۇۋاتقان ھەرقانداق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىسىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭغا بويۇن تولغىغان ھەرقانداق شەخسنىڭ بارار جايى تۈرمە بولىدىغانلىقىمۇ ئوبزوردا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى ByteDance گۇرۇھىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ يىمىڭ ئاشكارە ھالدا «شىركىتىمىز ھەرقاچان پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەمما جوۋ شوۋزى قەتئىيلىك بىلەن «شىركىتىمىز ھېچقاچان ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى ئالمىدى ھەم ئالمايدۇ» دەپ كېسىپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا نۇرى تۈركەل بۇنىڭدىكى بەزى رېئاللىقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
ByteDance گۇرۇھىنىڭ ۋە تىك-توك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ساھەسىنىڭ خادىملىرى ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم رېئاللىق بولغانلىقى مەلۇم. 2019-يىلى پاش بولغان بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەر تىك-توك شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان بىر قىسىم «نازۇك سىياسىي ئاتالغۇلار» نى سۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 2022-يىلى بولسا تىك-توك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا تەۋەسىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە مايىل بولۇشىغا يول ئاچىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نۇرى تۈركەل بىر قىسىم كىشىلەر دەپ كېلىۋاتقان «ئامېرىكا تەۋەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شۇنچە كۆپ ئەپلەر بار. شۇلارمۇ خىتايدا قوللىنىلىدۇ. تىك-توكنىڭ شۇلار قاتارىدا بولۇشى نېمىگە پۇتلىشىدۇ؟» دېگەن قاراشنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تەۋەسىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھېچقايسى ئەپنىڭ ھېچقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تىك-توكنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەنىلا ھاماقەتلەرچە يوسۇندا «تىك-توك ئىشلىتىشتە ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ» دەپ ئۇنى ھىمايە قىلىشىنى ئۆتكۈنچى ئەھۋال، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىل رېئاللىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تىك-توكنى مەنئى قىلىش ھەرىكىتىنى ئىرقچىلىق بىلەن تەڭلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر يوللىرىدىن ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭغا قارىتا «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) ئېنىق قىلىپ «خىتايدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە مۇھىتىدىكى نازارەت مېخانىزمىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي بۇ مېخانىزمىنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.