«تىك-توك» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى رولى كۈچلۈك سوراققا دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.12.26
tiktok-xitay-bayriqi.jpg TikTok لوگوسى ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقى.
Photo illustration by RFA. Images by AFP and AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدىن باشلاپ  تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «تىك-توك» (TikTok) نى مەنئى قىلىش مەسىلىسىدە 14-دېكابىر كۈنى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ھەرقانداق خىزمەتچىگە تارقىتىپ بېرىلگەن يانفونغا «تىك-توك» نى ئورنىتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى 130 مىليونغا يېقىن «تىك-توك» ئىشلەتكۈچىلەرگە تولىمۇ سالماق بولغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش يوللاندى. بۇنىڭ بىلەن ئاق ساراي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە <تىك-توك> ئورنىتىشنى مەنئى قىلىش» يۈزلىنىشىگە يېڭى بىر مەزمۇن قوشۇلدى.

«تىك-توك» نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش، خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىدىن باشقا ئامېرىكا پۇقرالىرى ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ئەخلاق نورمىسىنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى مەزمۇنلارنى ئومۇملاشتۇرىشىمۇ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدا يەنىلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى نازارەت تورىغا ئېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى ئىزچىل مەركىزىي نۇقتا بولۇپ كەلدى.  شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفېر راي (Chris Wray) كۆپ قېتىم «تىك-توك» نى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەنىدى.

جېيك تەپپېر (Jake Tapper) باشچىلىقىدىكى CNN نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى بىر مەزگىللىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن 20-دېكابىر كۈنى «تىك-توك» نىڭ ئاممىۋى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى مايكىل بېكېرمەن (Michael Beckerman) بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت ئۆتكۈزدى. جېيك تەپپېر «تىك-توك» نىڭ «قىرغىنچىلىق»، «شىنجاڭ» دېگەندەك مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى سۈزۈپ كونترول قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ھەرىكىتى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون ئۇيغۇرنى ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەسى قۇرۇپ چىققان يىغىۋېلىش لاگېرى شەكلىدىكى مۇئەسسەسەلەرگە قامىغانلىقى ھەمدە خىتاي لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئەسكەرتىپ «سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلامسىز؟» دەپ سورىدى.

«تىك-توك» قا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان مايكىل بېكېرمەن سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئ‍ۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە مەنسۇپ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت «تىك-توك» قا ئالاقىدار ئىشلارغا زېھىن قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكرارلىدى. گەرچە بۇ سوئال قايتا-قايتا بەش قېتىم سورالغان بولسىمۇ مايكىل ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئىپادىلەشنى رەت قىلدى. شۇنىڭدەك «تىك-توك» نىڭ ھېچقاچان ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھېچقانداق مەزمۇنغا سۈزگۈچ قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارەت جەريانىدا تەپپېر ئاخىرقى قېتىم «ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا مايكىل بېكېرمەن «خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەن قىزىقىدىغان ئىشلار دائىرىسىدە ئەمەس. تور بەتكە قارىسىڭىزلا بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئۇچۇرلار ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ» دېدى. ئاخىرىدا تەپپېر ئۇنىڭدىن « شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلسىڭىز خىزمەتتىن ھەيدىلەمسىز؟» دەپ سورىغاندا مايكىل يەنە بىر قېتىم گەپ يورغىلىتىپ «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، شۇنىڭدەك خىتايدىمۇ مەۋجۇت. ئەمما مەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەمەس» دېگەن.

گەرچە «تىك-توك» نىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى (ASPI) 2019-يىلى 28-نويابىردا ئېلان قىلغان دوكلات ئاللىقاچان «تىك-توك»نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا باشقا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ساقچى سىستېمىسى ۋە يەرلىك قانۇن سىستېمىسىغا قانداق خىزمەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە  قايسى دەرىجىدە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ جەھەتتىكى بىر تىپىك مىسال 2019-يىلى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ياشلاردىن فېرۇزە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سىمۋوللۇق يوسۇندا سۆز قىلىشىدىن كېيىن ئۇنىڭ «تىك-توك» ھېساۋاتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى، كېيىنچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بېسىمىدا بۇنىڭ «تېخنىكا خاتالىقى» ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ ھېساۋاتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ھېساپلىنىدۇ. CNN نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئ‍الاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا «تىك-توك» مۇنبىرىدە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ» تېمىسىدىكى قىسقا ۋىدىيولارنىڭ 94 پىرسەنتىنى «شىنجاڭنىڭ ئاجايىپ ئارامبەخش  ۋە ئىناق ماكان ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئىگىلىگەن. «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»، «شىنجاڭدىكى زور تۇتقۇن» دېگەندەك تېمىلاردا چاپلانغان قىسقا ۋىدىيولارغا تېزلا سۈزگۈچ سېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە كۆرۈنمەس شەكىلدە بىر «يۈگەن» سېلىنغان.

 تېخىمۇ مۇھىمى «رەقەملىك ئۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى» (CCDH) 2022-يىلى 15-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلات، «تىك-توك»تا ھېساپ ئاچقانلارغا ھەر ئۈچ مىنىۇتقا قالماي ئاپتوماتىك كۆرۈنىدىغان ۋىدىيولارنىڭ پۈتۈنلەي ياش-ئۆسمۈرلەرگە زىيانلىق مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل زىيانلىق مەزمۇندىكى ۋىدىيولار ماھىيەتتە ياش-ئۆسمۈرلەرنى دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قاراش جەھەتتە خاتا يۆنۈلۈشكە باشلايدىغانلىقى ئېيتىلغان. سۆھبەت جەريانىدا جېيك تەپپېر «ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئاتا-ئانىلار ھازىر خىتاي بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن تارتىپلا بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دېگەندە، مايكىل بېكېرمەن بۇنىمۇ ئىنكار قىلغان.

«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 20-دېكابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، «تىك-توك» نىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى باش شتابى خىتايدىكى ByteDance شىركىتىدە بولۇپ، مەزكۇر ئەپ خىتاي ئىچىدە «دوۋيىن» (抖音) دېگەن نامدا، خىتايدىن باشقا جايلاردا «تىك-توك» دېگەن نامدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. يەنە كېلىپ خىتايدىن باشقا جايدىكى قوللانغۇچىلار تېلېفون ياكى كومپيۇتېرىغا «دوۋيىن» نى چۈشۈرەلمەيدىغان بولۇپ، «تىك-توك» ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى بولۇپ قالغان. ئەمما «تىك-توك» قوللانغۇچىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، خۇسۇسىي ھەۋەسلىرى ۋە قىزىقىش دائىرىسى دېگەنلەر خىتايدىكى باش ئاپارات سىستېمىسىدا ساقلىنىپ قالىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق ساندان (Database) سىستېمىسىنى  تەكشۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئۇلار خالىغان ۋاقىتتا خالىغان كىشىنى نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان. گەرچە ئامېرىكا تەۋەسىدە «تىك-توك» قوللانغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ياش-ئۆسمۈرلەر بولسىمۇ «چوڭلارغا زىيانلىق بولغاننىڭ ياشلارغىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەۋاتقانلار نۆۋەتتىكى مەنئى قىلىش يۈزلىنىشىنىڭ ياشلارغىمۇ تەسىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. ئەمما سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «بىر بولسا تىك-توكنى <ئالما> ۋە <گوگۇل>نىڭ ئەپ دۇكانلىرىدىن يوقىتىش، بىر بولسا تىك-توك شىركىتىنى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر شىركەت سېتىۋېلىشى لازىم» دېگەن تەكلىپى ئەمەلگە ئاشمايلا ئۇ ئاق سارايدىن ئايرىلغان. ئەمما ئوكلاخوما، ئالاباما، جورجىيا قاتارلىق شىتاتلاردىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە «تىك-توك» ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى «تىك-توك» نى مەنئى قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.   

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 14 شتات خاس بۇيرۇق ئېلان قىلىپ «ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە تىك-توك ئورناتماسلىق» نى بەلگىلىگەن. يەنە كېلىپ بۇ يۈزلىنىشنى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى قوللاۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭدا يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور مەنئى قىلىش قارارىنىڭ ئېلىنىشى ئېنىق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «تىك-توك» نىڭ ئانا شىركىتى بولغان ByteDance گۇرۇھىمۇ غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لوبىيچىلىق قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇ قاتاردا ئۇلار مېيكىل بېكېرمەنگە ئوخشاش سابىق دۆلەت مەجلىسى خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنى، ھەتتا ترېنت لوت (Trent Lott) قا ئوخشاش پالاتا ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىش ۋە خىزمەتكە ئېلىش ئارقىلىق 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە تۆت مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل خەجلەش بەدىلىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «تىك-توك» نىڭ «زىيانلىق ئەمەسلىكى»نى كۆرسىىتىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.