زۇزا نازارۇك: «تىك-توك ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ»
2024.08.20
مۇتەخەسسىسلەر تىك-توك (Tiktok) نىڭ سۈنئىي ئەقىل، سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ خىتاي مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىك-توكنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە يانتاياق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكادىكى تور ۋىرۇسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى (NCRI) دوكلات ئېلان قىلىپ تىك-توكنىڭ پەقەت ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارنى باستۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىك-توكنىڭ ئامېرىكادىكى ياشلارنىڭ پىكىرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ گىئۇ-سىياسىي تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئۇنداقتا تىك-توك بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ خىتاي كومپارتىيەسى تىك-توكنى يۇمشاق كۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتامدۇ؟ ئەگەر ئىشلەتسە قانداق ئىشلىتىدۇ؟
گوللاندىيەلىك ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى «خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ مەنبەسى تىك-توك» ناملىق ئىلمى ماقالىنىڭ ئاپتورى زۇزا نازارۇك (Zuza Nazaruk) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي مەدەنىيەتكە پۇل سەرپ قىلىش ئارقىلىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئون يىل ئىلگىرى ھەر يىلى 10 مىليارد دوللارنى ئاخبارات، نەشرىيات، مائارىپ سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا، مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلدى. تىك-توكنىڭ تور بېكىتى ياكى چۈشۈرۈش بېتىگىلا قارىغىنىمىزدا تىك-توكنىڭ خۇددى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەت ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا كۆپ خەۋەرلەر بار. بۇنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، تىك-توكنى ئىشلەتكەن ناھايىتى كۆپ ياشلار بار. بۇلار تىك-توك ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، تىك-توك بىر ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى. قىزىقارلىق بولۇشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتى ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە مەركەزلەشكەن بىلەن، ئابونتلار ئۇنى ئىشلەتكەندە ئۇلار ھەدىدىن زىيادە خاسلاشتۇرۇلىدۇ (hyper personalized)، يەنى تىك-توك سۈنئىي ئەقىل، سانلىق مەلۇمات ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ، تىك-توك قوللانغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئالىدۇ. تىك-توك ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشىغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلارنى تۈزىدۇ. بۇ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ياخشى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن پۈتۈن ئىدىيە-ئويۇن ئويناپ، كۆڭۈل ئېچىش، باشقىچە ئېيتقاندا، خۇددى سىياسىي خاراكتېرى يوقتەك كۆرۈنىدۇ» .
مەزكۇر دوكلاتتا تىك-توكنىڭ ئالگورىزىملار (مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى ھېسابلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان جەريان) ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدىلىق مەزمۇنلارغا يۇل قۇيۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت مەزمۇنلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىى ئابونتلارنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.
زۇزا نازارۇك تىك-توكنىڭ ئالگورىزملىرى، تىك-توكنىڭ بۇ خىل خاراكتېرى ۋە رولى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، تىك-توكنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر قانچە ياشتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭ بىتەرەپ ئەپ ئەمەسلىكىنى ۋە بەزى مەزمۇنلارنىڭ كىرگۈزۈلۈپ بەزى مەزمۇنلارنىڭ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك، بۇ ھەرقانداق ئەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پەقەت تىك توك ئۈچۈنلا ئەمەس. ئۇ خىتاينىڭ، شۇڭا ئۇنىڭدا بىر ئاز كۆپ مەسىلە بار. تىك-توك مەلۇم دۇنيا قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ سىياسىي تاللىشى ۋە كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشتا ئېيتقىنىمدەك، ئەگەر ئىنسانلار شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇلار بۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ھېچ بىر سەۋەب يوق. بۇ، كۈنتەرتىپنى بەلگىلەش ۋە سىياسىي بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇ سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيەسى رايوننىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھېكايىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ، رايوننىڭ تىنچ تەسەۋۋۇرىنى، يەنى تىنچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ، تىك-توكنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. تىك-توكنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابىنى توسۇپ ياكى قىسمەن توسۇپ (shadow band) قويغانلىقىنى بىلىمىز. خۇشال مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن سىنلارنى تىك-توكتا كۆرىمىز. ئەگەر غەرب دۆلىتىدىن بىرى بۇ سىننى كۆرسە، بۇ يەردە بىر مەسىلە يوق دەپ ئويلايدۇ. ئۇ پەقەت يېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ».
NCRI ئىنستىتۇتى كونكرېت مىساللار ئارقىلىق تىك-توكنىڭ ئىزدەش ئالگورىزىمنىڭ خىتاينى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن «ئۇيغۇر» نى تىك-توكتىن ئىزدىگەندە، خىتايغا قارشى مەزمۇن تىك-توكتا پەقەت 10.7 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان. ئەمما بۇ يۇتۇبتا 19 پىرسەنت، ئىنستگرامدا 84 پىرسەنت بولغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىك-توكنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە يانتاياق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە تىك-توكنى دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە «ئامېرىكا بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى بولماقتا» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«تىك-توك خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم سۇپىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇچۇرىنى يەنى ئارزۇسىنى يەتكۈزۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. چۈنكى كومپارتىيە بۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قولىدىكى بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تىك-تىك ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى».
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە سودا كومىتېتى يېقىندا تىك-توك ۋە ئۇنىڭ باش شىركىتى بايت دەنس (ByteDance) نى تىك-توك سۇپىسىدا بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىمىغانلىقى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز سۇنغانىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىمۇ 20-ئاپرېل تىك-توكنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك-توكنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، ئەگەر ساتمىغان تەقدىردە تىك-توكنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ لايىھە قانۇن بولۇپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەگەر تىك-توكنى سېتىش بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرمىسە، تىك-توك ئامېرىكادا چەكلىنىدىكەن.