يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا سىياسىيونلىرى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە نوپۇزلۇق ئاخباراتچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ByteDance نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى TikTok نى ئىشلىتىپ، ئامېرىكاغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ياسىغان 154 دۆلەتتە چۈشۈرۈش قېتىم سانى 2 مىلياردقا يەتكەن، «تىك-توك» (Douyin) نىڭ ئۇنى قوللانغۇچىلارنىڭ ھەممە ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يوللايدىغانلىقى ئاشكارلىنىپ، خەلقئارادا، جۈملىدىن ئامېرىكادا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى پەيدا قىلماقتا.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى، ئامېرىكا خەۋەرلەر تورى «بازفېد» مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكا ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى داۋاملىق خىتايدا توپلىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بېيجىڭغا يوللاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، TikTok ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەت ئۇچۇرلىرى بىلەن بىللە ھېسابات ئۇچۇرلىرى، ئىزدەش تارىخى ۋە سۇپا ئارقىلىق قۇرۇلغان ھەر قانداق مەزمۇننى ئىز قوغلىيالايدىكىن، ھەتتا ئۇنى يانفونغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنى قوللانمىغان تەقدىردىمۇ، ئابونتلارنىڭ ئورنى، مەشغۇلاتلىرىنى بىلىپ تۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەن.
«بازفېد» نىڭ ئېيتىشىچە، «تىك-توك» نىڭ بىر خادىمى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىكى بىر يىغىندا «ھەممە ئۇچۇرنىڭ خىتايدا كۆرۈلۈپ تۇرۇدىغانلىقى» نى ئېيتقان. خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «تىك-توك» نىڭ ئانا شىركىتى بايتې دەنسنىڭ قانداق تەدبىر قوللانسا قوللانسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇشقا يەنىلا مەجبۇرلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيو (Mike Pompeo) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئاتا-ئانىلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ «تىك-توك» ھېساباتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانىدى. مايك پومپېيو بۇ چاقىرىقىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ھەرقاچان ئامېرىكا خەلقىگە قارشى ھەرىكەتلىرىگە ئىشلىتىدۇ،» دېگەن، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنى بۇ ئەھۋالغا سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانىدى.
ئامېرىكادىكى لىنكېن ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە مەخسۇس TikTok نىڭ پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇر بىخەتەرلىك خەۋپى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان جېففرېي كاين (Geoffrey Cain) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىتاي دېتالىنى قوللىنىشنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇردى: «شۇنداق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىك-توكتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكادىكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى. گەرچە كۈچلۈك دەلىل بولمىسىمۇ، يەنى خىتايغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپ تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن يېقىنقى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، تىك-توك ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قەستەنلىك بىلەن يوشۇرماقتا. شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنلىرىدا، ھەرقانداق شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئورتاقلىششنى شەرت قىلغان. ئۇلار خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلغان بۇ شەرتلەرگە بوي سۇنىدۇ. شۇڭا TikTok نى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ خالىسا، سىزنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشەلەيدۇ.»
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «تىك-توك» نى قوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما تىك-توكنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئۇچۇر ئوغرىلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەتىرىدىن سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادا «تىك-توك» تىن پەخەس بولۇش چاقىرىقى يالغۇز سىياسىيونلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ھەر ساھەدە بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇش سادالىرى كۈچەيمەكتە.
2022-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا fox news قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېمېس كومېر (James Comer) دۇنياۋى مۇھىم مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرغاندا، «تىك-توك» نىڭ «شەخسىي مەخپىيەتلىك» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى ئاگەاھلاندۇرغان ئىدى.
ئامېركادىكى ئەڭ ئالقىشلىق پود كاستېرلاردىن جوۋ روگان (Joe Rogan)، 26-ئىيۇل «تىك-توك» نىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە 21-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ ۋىدېيو ھەمبەھىرلەش تورى «تىك-توك» نىڭ ئابونتلارنىڭ بارماق ئىزىنى ئوغرىلايدىغانلىقى ياكى ئەقلىي يانفونلارنى ئاۋاز ئاڭلاش ئەسۋابىغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «تىك-توك: خىتاي سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشمەكچى بولغۇچە بىر قىزىقارلىق ئويۇن» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تىك-توك ئېپى، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي يانفونىنى ئىشلەتكەندە قوللانغان بارماق ئىزلىرىنى ئوغرىلىيالايدىكەن، شۇنداقلا بۇنى ئەقلىي يانفوندىكى ئاۋاز ئاڭلايدىغان ئەسۋابقا ئايلاندۇرالايدىكەن.
شۋېتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكومدىكى ئۇچۇر تېخنىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ TikTok (دويىن) دېتالىدىكى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم بىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچۇرلىرىنى توپلىيالايدىغان دېتالنىڭ تىك-توك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ قوللانغۇچىلار تىزىملاتقاندا تۇغۇلغان ۋاقتى، تېلىفون نومۇرى، قىزىقىشى قاتارلىقلارنى سورايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئورنى، ئىزدەش تارىخى ۋە بارماق ئىزى، يۈزى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ TikTok ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەنە قانداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلىشقا قوللىنىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس،» دەيدۇ.
جېففرېي كاين يەنە «تىك-توك» لا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىشلىگەن ھەر قانداق دېتاللارنى چۈشۈرۈش ۋە قوللىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشلىگەن ھەر قانداق دېتالنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇلار ئىشلىگەن ھەر قانداق دېتال ئىشپيونلۇق دېتالى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا چوقۇم خىتاي ئەپلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاگاھ بولۇشىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالىمەن.»