جېفېرىي كايىن: «تىك-توكنىڭ خەۋپىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار — ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.11.18
kristof-wray-christopher-wray-dolet-mejlis-guwahliq ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي(Christopher Wray) دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە، 2022-يىلى 17-نويابىر، ۋاشىنگتون.
AP

«ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تىك-توكنى ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىك-توكنى ئىشلىتىۋاتقان مىليونلىغان ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاۋاتقان ياكى ئالىگورىزىملىق ھېسابلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئۇلارنى كونترول قىلىۋالغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».

بۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray)نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدۇر.

ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ «خىتاي تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك دېققەت قوزغاپلا قالماي، دۇنيا مىقياسىدا سانى شىددەت بىلەن زورىيىۋاتقان تىك- توك ئابوۇتلىرىنىمۇ ئەندىشىلەندۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تىك-توكنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىگە جىددى قاراپ كەلمەكتە ئىدى. تىك-توكنى مەنئىي قىلىش پىكرى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى، قاتناش بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ۋە باشقىلار خىزمەتچىلەرنىڭ 2019-يىلغا قەدەر ھۆكۈمەت تارقاتقان ئۈسكۈنىلەردە بۇ دېتالنى چۈشۈرۈشىنى چەكلىگەنىدى.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى برېندان كار «ئارمىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ تىك-توك دېتالىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇشتا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كېلىدىغان خەتەرنى ئويلىشىش كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا چىقىدىغان ئاساسلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ بىرى بولغان «تىك-توك» نىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى خەۋپىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھازىرچە نامەلۇم.

ئۇنداقتا، دۇنيا مىقياسىدا ئابونتلار سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان «تىك- توك» نىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىگە ئابونتلار قانداق تاقابىل تۇرالايدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەردىن جېفېرىي كايىن (Geoffrey Cain) ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاي تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى :«شۇنداق، تىك-توك ئامېرىكاغا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا دېموكراتىيەسىگە نىسبەتەن زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى تەرەپتىن زور خەتىرى بار. ئالدى بىلەن ئەڭ چوڭ خەتىرى شۇكى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ نېمىنى كۆرۈشى، نېمىنى ياقتۇرۇشى، نېمىگە ئىىشىنىشىنى كونترول قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. تىك-توكنىڭ ئامېرىكادا بولۇپمۇ ياشلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام پەيتىدە، تىك-توك ئىنسانلارنىڭ ماھىللىقىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، سايلام نەتىجىسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، شۇنداقلا ھەربىي، سىياسىي جەھەتلەردىكى خەۋپسىزلىكى ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت.»

ئالىي تەتقىقاتچى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى جېففىرىي كېيىن (Geoffrey Cain) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى چاقىرغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 17-نويابىر، ۋاشىنگتون.

جېفېرىي كايىن سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «تىك-توكنىڭ ئىككىنچى چوڭ خەتىرى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ  كېلىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، ئۇ خىتاينىڭ چىراي تونۇش، تۇرۇۋاتقان ئورۇن ئۇچۇرىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە شۇنداقلا سۈنئىي ئىدراكنى شەكىللەندۈرىدىغان باشقا كېرەكلىك ھەم سەزگۈر ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۈچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاسانلا ئىگە بولالايدۇ.»

جېفېرىي كايىن «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى. ئۇ نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى لىنكولىن ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يۇقۇرى تېخنىكا ئالىي مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ يېقىندىن بۇيان، تىك-توكنىڭ سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئادىتى، ئۇنىڭ ئابونتلار ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن «خىتاي، تىك-توك ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ نېمىگە ئىشلىتىدۇ، ئۇ قانداق خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «خىتاي تەرىپىدىن ھەر خىل كۆزىتىش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر دىيارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغىپ ساقلاشنى تەجرىبە قىلىدىغان مەيدانى بولۇپ كەلدى. خىتاي بارلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلغاندەك، دۇنيادىكى باشقا ئابونتلارنىمۇ بۇ خىل سىستېمىغا بويسۇنۇشقا كۆندۈرۈش ۋە كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان. مەن تىك-توكنىڭ خىتايچە نۇسخاسى بولغان ‹دوۋيىن›نىمۇ چۈشۈرۈپ قوللىنىش ئارقىلىق، كۆزىتىپ سېلىشتۇردۇم. تەتقىقاتلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي، تىك-توكنى ئامېرىكانى ئۆز-ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى ياش ئەۋلادلارنى زەھەرلەش ئۈچۈن قوللانماقتا. »

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى خىتاي تىك-توكتىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلىتىش، سېرىق سىن فىلىملىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل مەزمۇنلارنى تىك-توكنىڭ خىتايچە نۇسخاسى بولغان ‹دوۋيىن›دا بولسا قاتتىق چەكلەيدۇ. ئەمما چەت ئەلدىكى تىك-توك مۇلازىمىتىدە ھەر قانداق ئىنسان، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ بۇ زىيانلىق ئۇچۇرلارغا بىمالال ئىگە بولالايدۇ. بۇ زىيانلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئالىگورىزىملىق ھېسابلاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئابونتلارنى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلاتلارنى ئەقلىي، روھىي ۋە پىسىخىكا جەھەتتىن كونترول قىلىۋالىدۇ.»

جېفېرىي كايىن، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىك-توك ئابونتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، نەتىجىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۇنى قوللانغۇچىلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى: «تىك-توك ئابونتلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. پەقەت ھىندىستانلا تىك-توكنى چەكلىگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دۆلەتلەردە تىك-توك كەڭرى قوللىنىلماقتا. بۇ خەتەرلىك ئەپنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارغا شۇنى ئەسكەرتىشىم كېرەككى، تىك-توكنىڭ سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئادىتىنى بىلىمىز، خىتاينىڭ قانۇنىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر، شىركەتلەر ياكى ئاخىرىقى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ، مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق ئېقىۋاتقان ھەر قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ قانداق سىنلارنى كۆرگەنلىكىڭىزنى، قايسىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزغا دىققەت قىلىدۇ، ئاندىن سىزنى ئوخشاش مەزمۇندىكى ئېلانلار ئارقىلىق جەلپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. تىك-توك يانفونىڭىزدىكى ئالاقە تورىڭىز، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز، كالېندارىڭىز ۋە باشقا ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروگراممىلىرىڭىزغىچە كىرىپ، بىمالال زىيارەت قىلالايدۇ.»

PBS تېلىۋېزىيە قانىلىنىڭ 24 -ئۆكتەبىر تارقاتقان «تىك-توك قىزغىنلىقى دولقۇنى» تېمىسىدىكى مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىمىدە كۆرسىتىشىچە، تىك-توك دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن بىر مىليارد ئابونت تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پەقەت ئامېرىكادىلا 135 مىليون ئابونىتى بار ئىكەن. بۇ دېتال خېلى كۆپ ياش ئامېرىكالىقلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئامېركالىقلارنىڭ تىك-توك قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇرۇنماقتىكلەن.

بۇ فىلىمدە زىيارەت قىلىنغان فېروزە ئەزىز،PBS  گە ئۆزىنىڭ تىك-توكتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارقاتقان ۋېدىيولىرىنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق خەۋەر قىلىنماي ئەتىسىلا ئۆچۈرۈپ تاشلانغانلىقى، تىك-توك تەرىپىدىن شەخسىي ھېساباتىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئافغان نەسلىدىن بولغان ئامېرىكالىق ياش قىز فېروزە ئەزىز 2019-يىلى تىك-توكتا گىرىم قىلىش سىن كۆرۈنۈشى جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىپ دىققەت قوزغىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىك-توك ئۇنىڭ ۋېدىيولىرىنى چەكلەپ، شەخسىي ھېسابات مۇنبىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

بىز زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا جېفېرىي كايىندىن «تىك-توك دۇنيادا بارغانچە تېز يامراۋاتقان پەيتتە، ئۇنىڭ ئابونتلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولى بارمۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالغا ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار، ئۇ بولسىمۇ، تىك-توكنى تېلېفون، كومپىيوتېر قاتارلىق ھەرقانداق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىڭىزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.