27-فېۋرالدىن باشلاپ 4-مارتقىچە نيۇ- يوركتىكى مەشھۇر «دەۋر»مەيدانىدا، برودۋېي (Broadway) بىلەن غەربىي 43-كوچا ئېغىزىدىكى چوڭ ئېكراندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختات» ۋە «ئىككىلىك كود نى سىكانىرلا» دېگەن خەتلەر توختىماي چېقىپ تۇرغان.
كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر ئېلان دۇنيانىڭ مودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان نيو -يورك شەھىرىگە جايلاشقان «دەۋر» مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قويۇلغان تۇنجى تەشۋىقات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئېلان نيو- يوركتا مودا كىيىم- كېچەك ھەپتىلىكى بولۇۋاتقان مەزگىلدە قويۇلغان بولۇپ، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا زور دىققەت قوزغىغان.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا دۇنيا كىيىم-كېچەك سانائىتىدىكى بەش پاختا مەھسۇلاتنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان. ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماركىلار ئۆزلىرىنى يۇشۇرغانلىقتىن، ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بىلمەي سېتىۋىلىشىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئاسىيا سىياسىتى ۋە پروگراممىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جېننىي ۋاڭ خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«ئالدىنقى ھەپتە نيۇ- يوركتا قويۇلغان بۇ ئېلان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش توغرىسىدا ئىشلەنگەن رەقەملىك ئەپ ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئۇزۇندىن بۇيان تەكشۈرۈۋاتقان كىيىم- كېچەك مودا ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە دىققەت تارتىش مەقسەت قىلىنغان. بىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتنى تاللىشمىزدىكى سەۋەب، ئاشۇ ۋاقىتلاردا نيو- يوركتا مودا كىيىم- كېچەك ھەپتىلىكى تازا قىزىۋاتقان مەزگىل ئىدى. بىز مۇشۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇندىن يەر ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. ئېلانىمىز 43- كوچا بىلەن بىرودۋەينىڭ (Broadway) ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئېكراندا بىر ھەپتە تۇردى. كىشىلىك ھوقۇق فوندى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن بۇ ئېلان ئارقىلىق خەۋەرگە دىققەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولۇشى مۇمكىن.»

كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ مەزكۇر يېڭى ئېلان تەشۋىقاتى ئىستېمالچىلارنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تەكشۈرگۈچىسى» (Uyghur Forced Labor Checker)نى ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار مەزكۇر ئەپ دېتالىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن تەتقىقاتتىن پايدىلىنىپ ياسىغان. ئۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ماركىلارنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختات» دېتالىدىكى «ئىككىلىك كود» نى سىكانىرلاشنى تەشەببۇس قىلغان. «ئىككىلىك كود» ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى- ئەمەسلىكىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.
ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام بۇ ھەقتە ئىلىخەت ئارقىلىق رادىيومىزنىڭ زىيارىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان :«نيو- يورك ئامېرىكادىكى ھەتتا دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە كۆپ خىللاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى. ۋاقىت مەيدانىدىكى ئېلان تاختىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ئېلانلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئىشىنىمەنكى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىلىك ھوقۇق ياكى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئوقۇمايدىغان ياكى ناھايىتى ئاز ئوقۇيدىغان كىشىلەردە بۇ ئېلان قىزىقىش قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى ۋە ياشلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەرلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئىزچىل مودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنى توغرا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.
جېننىي ۋاڭ خانىم ئاخىرىدا كارخانا – شىركەتلەرگە ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش توغرىسىدىكى پىكىر- تەكلىپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرنچىدىن؛ ھەرقايسى شىركەتلەر ۋە ماركىلارغا تەكلىپىم، پۈتۈن دۇنيادا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىش، يەنى خۇددى ئامېرىكادا قوللانغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ماركىلارغا ئوخشاش قوللانغاندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق پۈتۈن دۇنيادىكى بازارلارغا كېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ كەڭرەك دىققەت تارتقىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا ئوخشاش قانۇنلارنى يولغا قويۇپ ئىجرا قىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»