تىرىك يېتىمگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ساقچىلار «دادا» بولماقتىكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تىرىك يېتىملەرنىڭ ساقچى ئاتىسى - «ئەي دادا» كىم؟

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 9- كۈنى تارقاتقان «20 نەچچە بالىنىڭ ‹ساقچى دادىسى› - ئەنۋەر ئەركىن» ناملىق تەشۋىقات ماقالىسى مۇنداق باشلىنىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەيزىۋات ناھىيەسى مىشا بازىرىدىكى دەرەخ سايىسىدە ئەمدىلا يازلىق تەتىلگە چىققان ئون نەچچە بالا ‹ئەي دادا› دەپ ئاتايدىغان ساقچى فورمىلىق بىر ئادەمنى قورشىۋالدى…»

يۇقىرىقى ماقالىدە تەسۋىرلەنگىنى پەيزىۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مىشا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى، 17 يىللىق پارتىيە ئەزاسى ئەنۋەر ئەركىن ئىكەن. «ياخشى دادا» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ساقچىنىڭ مىشا ساقچىخانىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى تىرىك يېتىملەر (چوڭى 15 ياش، كىچىكى ئۈچ-تۆت ياش) بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.

مەزكۇر تەشۋىقات ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنۋەرنىڭ ساقچىلىقتىن باشقا يەنە مەزكۇر بازاردىكى يېتىم ۋە ئىگە چاقىسىز بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسىمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ساقچى ئەنۋەرنىڭ باشچىلىقىدا مىشا ساقچىخانىسىدا «قۇياش نۇرى فوندى» قۇرۇلغان بولۇپ، تەۋەلىكتىكى بارلىق ياردەمچى ساقچىلارمۇ ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنغانىكەن.

مەزكۇر ماقالىدە بۇ بالىلارنىڭ يېتىم قېلىش سەۋەبلىرى توغرىلىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. تىرىك يېتىم بالىلارنىڭ ساقچى ئەنۋەرنى «ئەنۋەر دادا» ئەمەس، بەلكى يېرىم خىتايچە يېرىم ئۇيغۇرچە «ئەي دادا» دەپ چاقىرىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

تىرىك يېتىملەرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى

مىشا بازىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىگە قاراشلىق 27 مىڭ نوپۇسقا ئىگە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىدۇر. كىچىككىنە بىر يېزا بازىرىدا 20 نەچچە بالىنىڭ يېتىم ياكى تىرىك يېتىم بولۇپ قېلىشى، مەزكۇر تەشۋىقات خەۋىرىدىكى دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتىدۇر.

بىز مىشا بازىرىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بالىنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ساقچىخانىنىڭ ھىمايىسىگە موھتاج بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، مىشا بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق.

بۇ ساقچىخانىغا ئۇرۇلغان تېلېفونلار پەيزىۋات ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان بولۇپ، باش ئاپپاراتتىكى خادىم بىزنىڭ چەت ئەلدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بايقاپ، مىشا ساقچىخانىسىغا ئۇلاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزمۇ ئۇلانمىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ تورلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قارانچۇقسىز، تىرىك يېتىمگە ئايلانغان بالىلار ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولغاچقا، دائىرىلەر مەخسۇس بۇ ھەقتە بەلگىلىمە چىقارغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلى 1-ئايدا تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بالىلار تەرەققىيات پىلانى (2021-2025)» نىڭ 9-بابىدا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتىم بالىلارغا بولغان پىسخىكا، ھېسسىيات، ھەرىكەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى پەرۋىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشى تەكىتلەنگەن.

بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن، ساقچىلارنىڭ يەرلىكتىكى تىرىك يېتىملەرگە «ئاپا»، «دادا» بولۇشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا خىتاي ساقچىلىرىمۇ «دادا» بولماقتىكەن

بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلىرىمىز داۋامىدا، خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا «دادا» ياكى «ئانا» بولۇش ھېكايىلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتايدىكى «نۇر» گېزىتىنىڭ 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېلان قىلغان «ساقچى خادىملىرى يېتىملەرگە ‹دادا› بولماقتا» ناملىق خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ يامانسۇ يېزىسىدىكى نۇرغۇن يېتىم بالىلار يېزا ساقچىخانىسىدىكى «مۇھەببەت ئۆيى» گە قەرەللىك يىغىۋېلىنغان ئىكەن. بۇ بالىلار ئاتا-ئانىسى سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىگە چاقىسىز ۋە قارانچۇقسىز قالغان، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئىكەن. ئاقسۇدىكى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ يامانسۇ چېگرا ساقچىخانىسى بۇ بالىلار ئۈچۈن «مۇھەببەت ئۆيى» قۇرغان بولۇپ، ساقچىخانىدىكى ساقچىلار بۇ بالىلارنىڭ «دادىسى» غا ئايلانغان. بۇ ساقچىخانىنىڭ خىتاي ساقچىسى جاڭ يى ئەنە شۇنداق «ساقچى دادا» لاردىن بىرى ئىكەن.

ئابدۇراھمان توختى: «ساقچىلار بالىلىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىپ بىزگە تەھدىت سالماقتا»

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىگە-چاقىسىز قالغان تىرىك يېتىملەر ئىچىدە لاگېر ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن باشقا يەنە، ئاتا- ئانىسى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كېلەلمىگەن ياكى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ تىرىك يېتىمگە ئايلاندۇرۇلغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.

-2016يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇراھمان توختى 2019-يىلىدا كۆرمىگىلى ئىككى يىل بولغان ئوغلى ئابدۇلئەزىزنى خىتاينىڭ «داۋيۈ» دېگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا تارقىتىلغان مەلۇم يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ۋىدىيوسىدىن كۆرۈپ تونۇۋالغان. بۇ ۋەقە ئۆز ۋاقتىدا بىر مەھەل تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن مەزكۇر 15 سېكۇنتلۇق ۋىدىيودا، ئابدۇراھماننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان كۆرمىگەن ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئاللىقاچان 4 ياشقا كىرىپ بولغان ئىدى. مەزكۇر ۋىدىيودا ئۇنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. ئابدۇراھماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان ئوغلى ئابدۇلئەزىز بۇ يىل 10 ياشقا تولىدىكەن.

قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇراھمان توختى، مىشا بازىرىدىكى تىرىك يېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىغا ساقچىلارنىڭ «ئاتا-ئانا» بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى «ساقچىلار بالىلىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىۋاپتۇ » دېيىش بولدى.

ئابدۇراھمان بىر يېزىدا بۇنچە كۆپ بالىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشى، بۇ بالىلارنىڭ ئانا- ئانىلىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش ئۆيىگە قايتالماي، ئائىلىسى ۋە بالىلىرى بىلەن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ بالىلىرى بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر تەرەپتىن، ساقچىلار بۇ بالىلارغا «ئاتا-ئانا» بولۇۋېلىپ، ئۇلارنى گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئاتا - ئانىسىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىپ ۋە مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق خىزمەت قىلىدىغانلاردىن قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

تىرىك يېتىملەر كومپارتىيەگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلدۇرۇلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 20 دىن ئارتۇق ئاتالمىش«پەرىشتىلەر باغچىسى» نامىدىكى يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يىللاردا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس دارىلئېتام قۇرۇشقا جەمئىي 370 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز 2018 -2019 -يىللىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىمۇ، بۇ خىل ئورۇنلاردا مەجبۇرىي تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 800 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى سىم توسۇق، كۆزىتىش كامېرالىرى ئورنىتىلغان، يېپىق باشقۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئورۇنلارنىڭ بالىلارغا مېڭە يۇيۇش ھەم خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان بالىلار لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مايدا پەيزىۋات ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىقى مەركىزى «بالىلار قەلبى ۋەتىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت كەچلىك زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. بالىلار بۇ يىغىلىشتا خىتاي رەھبەرلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايچە بالىلار شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان. ئاندىن «ۋەتىنىم» ناملىق قىزىل ناخشىنى ئوقۇغان، خىتاي ئۇسلۇبىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ۋە خىتايچە مۇشتلىشىش گۇمپىلىرىنى ئورۇنلىغان.

5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى بالىلار بايرىمى پائالىيىتىدە ئۇلار يەنە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى ئالدىدا «مەن خىتاي كومپارتىيەسىنى، ۋەتىنىمنى ۋە خەلقنى سۆيىمەن…» دەپ قاراپ قەسەم بەرگەن. پائالىيەت جەريانىدا ئۇلار قىزىل خورلارنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر تىرىك يېتىملەرنىڭ ئاتالمىش «ساقچى دادىسى» سوئال پەيدا قىلماقتا

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) خانىم، پەيزىۋاتتىكى بىر يېزىنىڭ ئۆزىدىلا يېتىمگە ئايلانغان يىگىرمە نەچچە بالىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بالىلارنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشتەك خىتاينىڭ بۇ قەبىھ سىياسىتى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇنۇشىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ گەۋدىلىك دەلىللەرنىڭ بىرىدۇر. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىجراچىلاردۇر. مانا مۇشۇنداق بىر ساقچىنىڭ 20 نەچچە يېتىم بالىغا ئىگە چىقىشى، نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، بۇ بالىلار كىملەر؟ ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرى قەيەردە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەمەس، بەلكى ساقچىلارنىڭ قولىدا؟ بۇ بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشىغا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەب بولغانمۇ؟»

دوكتور سوفىي رىچاردسون ئۆز ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ بىر ئەندىشىلىنەرلىك ۋەزىيەت، چۈنكى بىز بىر ئالدىنقى قانچە يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاتا- ئانىلارنىڭ بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن شۇنچە كۆپ بالىلارنىڭ تىرىك يېتىملىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلارغا ئىگە چىقالىغۇدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئاپىرىۋەتكەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. مەسىلە شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قەيەردە؟! بۇ بالىلار ھەقىقەتەن يېتىم بالىلارمۇ؟ بۇ يالغۇز مۇشۇ يېزا ياكى كەنتتىكى ئەھۋالمۇ؟ يېتىم بالىلارنى پەرۋىش قىلىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا پەقەتلا سالاھىيىتى توشىدىغان پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ياكى كەسپىي خادىملار مەسئۇل بولۇشى شەرت. چۈنكى بۇ خىل ئىگە-چاقىسىز بالىلار ئەڭ ئاسان خورلۇققا ئۇچرايدىغان ئاجىز توپلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا بېرىلىشى، بىزدە بۇ بالىلارمۇ خۇددى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىدەك ئۆز تىلى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خورلۇقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلىدۇ.»

دوكتور سوفىي يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «خىتاي دائىرىلىرى بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم قىلىنىشى كېرەك. ئۇلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقانلارنى ئېنىقلاپ، جازالاشنى تەلەپ قىلىش كېرەك».

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە لاگېرلارنى تاقىغانلىقى توغرىلىق جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايتىدىن تۇتۇلۇپ ۋە كېسىلىپ تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ ھەر خىل زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئىگە - چاقىسىز قالغان بالىلارنى يەرلىكتىكى ساقچىلارغا نەچچە ئونلاپ بۆلۈپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.