دىلخۇمار ئەكرەم: «ئىنىم ئىككىمىز تىرىك يېتىمغا ئايلاندۇق»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.04.19
Dilxumar-Emrullah-Ekrem.jpg دىلخۇمار ئەكرەمنىڭ ئىنىسى ئەمرۇللاھ ئەكرەم ئىجتىمائىي تاراتقۇدا خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا سولىنىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.
Social Media

ئەمرۇللاھ ئەكرەم بىلەن دىلخۇمار ئەكرەم ئىككى قېرىنداش 2012-يىلى ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەتەندە قەپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چەتئەلدە جەم بولۇپ ئولتۇراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن ۋە لاگېرغا قاماش ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان. ئەمرۇللاھ ئەكرەم ۋە دىلخۇمار ئەكرەم ئىككىيلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا سولىنىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە ھەرقايسى چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلەپ، ھەرخىل سۈرەت ۋە سىن-كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.