ئەمرۇللاھ ئەكرەم بىلەن دىلخۇمار ئەكرەم ئىككى قېرىنداش 2012-يىلى ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەتەندە قەپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چەتئەلدە جەم بولۇپ ئولتۇراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن ۋە لاگېرغا قاماش ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان. ئەمرۇللاھ ئەكرەم ۋە دىلخۇمار ئەكرەم ئىككىيلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا سولىنىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە ھەرقايسى چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلەپ، ھەرخىل سۈرەت ۋە سىن-كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر.