مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ يۇرتىدا قېلىپ قالغان غايىب پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يەركەن چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن 25نەپىرىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاھارباغ يېزىسى 15 كەنتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر كەنتتە 150 چە ئائىلە نوپۇسلۇق ئىكەن. يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ئاتا-ئانىسىدىن ھەر ئىككىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ پاراۋانلىق مەركىزىدە ئايرىم تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئايرىم مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ 24 سائەت نازارىتىدا باشقۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
كۇچانىڭ ئىشخالا يېزىسىدا قۇرۇلغان بىر پاراۋانلىق يەسلىسىدە 40 نەپەرچە ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇ يەسلىنىڭ ئامانلىق خادىمى كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتىن باشقا ئۆزلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئىېكراندا كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى بەزلەش، بۇ ئامانلىق خادىملىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يەسلىلەردە يەسلى ئوقۇتقچىلىرىدىن باشقا، ساقچى ۋە مۇھاپىزەتچى خادىملارمۇ بار بولۇپ، بۇلار بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە مەسئۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىدىيىۋىي ھالىتىگە مەسئۇل ئىكەن. يەركەن چاھارباغدىكى بىر كەنت يەسلسىدە مۇشۇنداق ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان بىر ئامانلىق خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولغان يەسلىدە 30 بالىدىن 25 نەپىرىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تۇتقۇندا ئىكەن. بۇلار قىش كۈنلىرى ياتاقتا ياتقۇزۇلسا، ياز كۈنلىرى لاگېر سىرتىدىكى ئاپسى ياكى دادىسى تەرىپىدىن يەسلىگە ئەكىلىپ ئەكىتىلىدىكەن.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەركەنننىڭ چارھارباغ يېزىسىدا 15 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، يېزىدىكى 15 كەنتىنىڭ ھەر بىرىدە 1000 چە نوپۇس، 150 چە ئائىلە بار ئىكەن.
مەزكۇر ئامانلىق خادىمى تۇتقۇنلارنىڭ بالىلىرىنىڭ رۇخسەت بېرىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئېكراندا ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كۆرۈشۈش جەريانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندە كۆڭلىدىكى گەپنى دېيەلمەيدىغانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئۇلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلالمايدىغانلىقى مەلۇم.
تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر يىلچە داۋاملاشقان «ئائىلەم قەيەردە» نامالىق نامايىش پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچلىرىدىن بىرى ئومەر ھەمدۇللا بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى شىكايىتى مىليونېر ئىككى ئاكىسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىلا بولماستىن، بەلكى يەنە ۋەتەندە 1ۋە 2 ياشتا قېپقالغان ئىككى پەرزەنتنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭمۇ يوقلۇقى ئىدى. بىز بۇ بۇ ئىككى بالىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى باشقۇرىشىدىكى پاراۋانلىق مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما مەزكۇر مەكتەپلەردە قانچىلىكتىن بالىنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا يەركەندىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن نەپىرىنىڭ دادىسى ياكى ئاپىسى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.