تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى تەيۋەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 29-مايدىن 4-ئىيۇنغىچە ئۇرۇش ئوتى تېخى تىنجىمىغان ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك مىلتىق ئېتىلغان ۋە بومبا پارتلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. ھەتتا ئۇ ئۇكرائىنا پايتەختى كېيۋغا يېتىپ كەلگەن كۈنى ئۆزى ئورۇنلاشقان مېھمانخانىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان جايغا رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان بىر بومبا چۈشكەن ئىكەن.

ئۇ ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزگەن بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئۇكرائىنا خەلقى ئۇرۇش باشلانغان كۈندىن تارتىپ قېچىشنى ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تاللاشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا پۈتۈن دۇنيا ئۇكرائىنانى قوللىدى، ياردەم قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئەلۋەتتە ئۇكرائىنالىقلارغا ئوخشىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەگەر ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ۋە باستۇرۇشقا باش ئەگمەسلىكتەك جاسارىتىنى كۆرسىتەلەيدىغان بولسىلا، مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر تۈرلۈك ياردەمنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»
رۇسىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلى 24-فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا زور كۆلەملىك ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى قاتتىق ئەيىبلىدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى تىنچلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر رۇسىيەنى ۋاستىلىق ھالدا قوللاپ كەلدى.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا (Dmytro Kuleba) رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئۇكرائىنا كۇكۇم-تالقان بولۇپ كەتسىمۇ، رۇسىيەگە زېمىن كېسىپ بېرىش بەدىلىگە كەلگەن تىنچلىقنى خالىمايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانىمىز» دېگەن.
يوقىرىقى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز نۇرئىماننىڭ ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبېتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.