مەلۇمكى، ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندا بىر توپ ئۇيغۇر رەسساملىرى يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلار ئەسەرلىرىنى جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا كۆرگەزمىلەرگە قويۇش، يەنە شۇنداقلا ئۇلارنى ئايرىم نەشر قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. شۇلارنىڭ بىرى قىرغىزىستانلىق تونۇلغان رەسسام تەلەت مىررەھىموف بولۇپ، ئۇ مۇشۇ يىلى 75 يىللىق تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە ئۆزىنىڭ يەككە كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ توپلىمىنى نەشر قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، رەسسامنىڭ كۆرگەزمىسى 11-ئۆكتەبىر كۈنى غاپپار ئايتىيېف نامىدىكى قىرغىزىستان دۆلەت مۇزېيىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تونۇلغان رەسساملىرى، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، رەسسام ئىجادىيىتىنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان. كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ 50 يىل داۋامىدا ئىجاد قىلغان ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى 100دىن ئوشۇق ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە بىر ئاي داۋام قىلغان.
مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان قازاقىستانلىق تونۇلغان ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ئاۋاكرى شەمسىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرماقتىكەن. ئابدۇكېرىم تۇدىياروف ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تەلەت مىللىي بوياقسىز سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان رەسسام. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ سىزغان كۆلىگەن ئەسەرلىرىدە مىللىي پۇراقنىڭ ھىددىنى بىردىن بايقاشقا بولىدۇ. ئۇ خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەۋجۇت ھاياتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ماھارەت بىلەن كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلالىدى.»
ئىگىلىنىشىچە، تەلەت مىررەھىموف 1944-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئاتاقلىق زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەغزەم مىررەھىموف ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن تەقىبلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن 7 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەغزەم غۇلجىدا يالقۇنلۇق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە مەكتەپتە ئوقۇپ، دوست بولغان. ئۇ خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا پىدائىي بولۇپ ئاتلىنىپ، مىللىي ئارمىيەدە كاپىتان ئۇنۋانىدا باتاليون كوماندىرىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە ئورۇنباسارى خىزمىتىدە بولغان. ئەغزەم مىررەھىموفنىڭ زەرگارلىق تالانتىنى بايقىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا دۆلەت ئوردېن-مېداللىرىنى ياساشنى تاپشۇرغان.
بىز بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلق رەسسامى، قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئەربابى تەلەت مىررەھىموف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاندا يەنە ئىككى رەسسام، يەنى سابىت باباجانوف ۋە شاۋكەت تايىروف ھەر قايسى ئۆز يۆنىلىشىدە ئىجاد قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بولسام ماي بوياق بىلەن رېئالىزمغا يېقىن ئىشلارنى ئېلىپ كېتىۋاتىمەن. 50 يىل ئىچىدە كۆپ ئەسەرلەرنى ياراتتىم. ئەمگىكىمنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇيغۇر تېمىسى. مەن بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ ۋەتەندە كۆرگەن مەنزىرىلەرنى، دادامنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇرغا ماس كېلىدىغان تېمىلاردا ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەنلەرگە بېرىپ كەلدىم. ھەر بىر بارغىنىمدا ماتېرىياللار يىغىپ كەلدىم.»
تەلەت مىررەھىموفنىڭ ئائىلىسى 1955-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىققان. كىچىكىدىن تارتىپ رەسساملىققا قىزىققان ئۇ مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن سەنئەت تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1968 يىلى تەلەت مىررەھىموف قىرغىزىستان رەسساملار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى سەنئەت فوندىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئۇ 1971-يىلى تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان. شۇنداقلا رەسسام رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئىران، بېلگىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارا ۋە يەككە كۆرگەزمىلەرگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ مۇزېيلىرى، سەنئەت فوندلىرى، ئەلچىلىكلىرى، شەخسىيلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. تەلەت مىررەھىموف كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى.
تەلەت مىررەھىموف ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى ۋەزىيەتنىڭ دىققىتىدىن ھەرگىز چەتتە قالماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن سەنئەت ئىنستىتۇتىدا لېكسىيەلەر ئوقۇغان. شۇ ۋاقتىدا مەن «بالىلار، مۇشۇ كوچىلارنىڭ، ئۆيلەرنىڭ تۇرقىنى، ھەممە نەرسىنى ئېلىپ قويۇڭلار. كېيىن يوقاپ كېتىدۇ» دېگەن ئىدىم. ئۇ يەردىكى رەسساملار سىياسەتكە كىرمەي ئىشلىسىلا بولدى، شۇنىڭغا مەجبۇرلىغان. بىز بولساق بۇ يەردە ھەممىنى ياسالايمىز، ئېيتالايمىز. ۋەتەننىڭ كەچۈرۈۋاتقان كۈنلىرىنى ماي بوياق بىلەن ئىسپاتلاشقا ئىنتىلىۋاتىمىز. مەن رەڭ بىلەن ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى ئىسپاتلاشنى ياخشى كۆرىمەن.»
تەلەت مىررەھىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرى سەنئىتى ئۆزبېكىستاندا ۋە بولۇپمۇ قازاقىستاندا ياخشى تەرەققىي ئەتمەكتىكەن. ھازىر قازاقىستاندا ئابدۇكېرىم ئەيسا، ھاكىمجان گۇلىيېف، ھاشىم قۇربان، كۈرەش زۇلپىقاروف، ئەخمەتجان ئەھەت ۋە شۇنداقلا نۇزۇگۇم سامىيېۋا، نادىرەم يۈسۈپوۋا، ۋېنېرە ماجىتوۋا، مۇنىسا گۇلىيېۋا قاتارلىق كۆپلىگەن رەسساملار ئىجاد ئەتمەكتىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى مۇمكىن قەدەر ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تۇرىدىكەن.
0:00 / 0:00