خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (UAE) بىلەن بىرلىكتە قوزغىغان تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بۇ دۆلەتتىكى مۇساپىرلار ۋە قاچقۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەرىكەتتىن خەۋەردار زاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت «توردا ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش» بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئەكسىچە، بۇ ھەرىكەتتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۆكتىچىلەرنى، قاچقۇنلارنى، تۇڭگان ۋە ئۇيغۇرلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇپ كەتمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان چېگرا ھالقىپ توردا ئالدامچىلىق قىلىش ۋە قىمار ئويناش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئون مىڭلىغان گۇماندارنى بېرما، فىلىپپىن، كامبودژا، ئەرەب بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنىڭ بىرىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل قانۇن تارماقلىرى بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «زور ساندىكى چېگرا ھالقىغان جىنايى گۇرۇھلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ساندا جىنايەتچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى تۇڭگان سىياسىي ئانالىزچىسى ۋە پائالىيەتچى ما جۈ ئەپەندى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ 4-5 مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى، قارىماققا بۇ ھەرىكەت توردا ئالدامچىلىق قىلىش ۋە قىمار ئويناشقا قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ماھىيەتتە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
ما جۈ 29-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ كىشىلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىشقا قاتناشقان ياكى ئۇنىڭ خىزمەتچىلىكىنى قىلغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلىش خاھىشى يوق. ئۇلار پەقەت ھەر كۈنى نامىزىنى ئوقۇپ خىزمىتى ياكى تىجارىتىنى قىلىۋاتقان كىشىلەر. ئۇلار بۇنداق ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.»
ما جۈنىڭ كۆرسىتىشىچە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇتقۇن باشلانغان ۋاقىتتىلا 3-4 مىڭدەك ئادەم تۇتۇلغان بولۇپ، قايتۇرۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 4-5 مىڭدىن ئاز ئەمەس ئىكەن. ئۇ قايتۇرۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.
ما جۈنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا باشلانغان تۇتقۇن يېقىنقى ھەپتىلەردە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. نۆۋەتتە «تور ئالدامچىلىقى» غا زەربە بېرىش نامىدىكى بۇ ھەرىكەتتە خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقى، ئەگەر بار بولسا قانچە كىشى ئىكەنلىكى تېخى باشقا مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. بىز 29-ماي كۈنى دۇبەي ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ھېچكىم قوبۇل قىلمىدى. ھالبۇكى، ما جۈ خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلەردىن ئۈچ نەپەر تۇڭگاننىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارى نوپۇسىدا بولغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ما جۈ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلاردىن ئۈچ كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلىمەن. ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ تور ئالدامچىلىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېنىقلىدىم. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى مەن بىلەن ئالاقىلەشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاشنى خالامدۇ-خالىمامدۇ، بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۇلار قورقۇۋاتىدۇ. ئۇلاردىن بىرى چىڭخەيلىك، يەنە بىرى نىڭشيالىق تۇڭگان. ئۇلاردىن يەنە بىرىنىڭ نوپۇسى بۇرۇن شىنجاڭدا بولغان.»
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت نامدا «تور ئالدامچىلىقى» غا زەربە بېرىش دېيىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا ئەندىشە قىلارلىق بىر تەرەققىيات ئىكەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت دىرېكتورى پىتىر ئىرۋىن «تور ئالدامچىلىقى» نىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇق»، «رادىكاللىق» دېگەنگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى تاكتىكىلاردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پىتىر ئىرۋىن مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى پەردازلاشتا بۇ خىل ئەنئەنىۋى تاكتىكىلارنى قوللىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ‹تور ئالدامچىلىقى› دېگىنىمۇ، ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، تور قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش› دېگىنىگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن ئەنە شۇ خىل ھەرىكەتتۇر.»
پىتىر ئېرۋىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا نىشانغا ئېلىشىغا قارىغاندا تور ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش نامىدا نىشانغا ئېلىشىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ ياقماقتا ئىكەن. پىتىر ئىرۋىن مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا شۇكى، بۇ ھەمكارلىق خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە چوڭقۇرلاپ قول تىقىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرماقتا. بىز بۇنى ئىلگىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىدا كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ھەمكارلىق كېلىشىملەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ بولسا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشىگە تېخىمۇ چوڭ تۈرتكە بولدى. شۇڭا بۇ خىل كېلىشىملەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى سوراق قىلىشى ۋە قايتۇرۇپ كېتىشىگە يول ئېچىپ، ئۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ كەلدى. »
ھالبۇكى، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى «تور ئالدامچىلىرى» غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتاي ج خ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخوڭنىڭ 2024-يىلى 2-ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ سايىف بىن زايىد ئەل ناھيان بىلەن ئىككى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى» نى قانات يايدۇرۇشى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشىدىن كېيىنلا باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەردە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك ساقچى دىيالوگى ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە باشلانغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكىسى» نىڭ خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قامىشىغا قەدەر كېڭەيگەنلىكى قەيت قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 2021-يىلى خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانىسى بارلىقىنى، بۇ قاماقخانىدا يېتىپ چىققان 26 ياشلىق بىر خىتاي قىزنىڭ بۇ قاماقخانىغا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ما جۈنىڭ قارىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇر ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ما جۈ مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن مەن مىسىر، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، شۇنداقلا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر، جۈملىدىن ھەر بىر ئاز سانلىق مۇسۇلمان كىشىسىنىڭ شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار ھەر ۋاقىت زەربە نىشانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇلار ‹تور ئالدامچىلىقى›، ‹توردا قىمار ئويناش› دېگەندەك ناملاردا زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. »
خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى، بولۇپمۇ 2023-يىلى 10-ئايدا پارتلىغان ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىدىن بېرى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ» ىنىڭ ئەرەب ئەللىرىدە تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قوللاۋاتقان خىتاي ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كىرىشمەكتە ئىكەن. خەۋەرلەردە شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەپتە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋالىدىغانلىقى، يىغىندا مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە تۇنىس دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.