تور چولپىنى ئولى لوندون: «داڭلىق K-Pop چولپانلىرى خىتاي توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز شەھرىزاد
2023.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
تور چولپىنى ئولى لوندون: «داڭلىق K-Pop چولپانلىرى خىتاي توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك» كورېيەچە مودا ك-پوپ ناخشىچى ۋە تور چولپىنى ئولى لوندون(Oli London).
Oli London teminligen

كورېيەچە مودا K-Pop ناخشىچى ۋە تور چولپىنى ئولى لوندون ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ئۈلگىلىك رول ئويناۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئولى لوندون داڭلىق K-Pop چولپانلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا قارشى چىققان. ئۇ تۋىتتېر، يوتۇب ۋە تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يازما ۋە سىن فىلىم ئىشلەپ تونۇشتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەقىقىي كۆرۈشكە، تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز ئۆز مۇخبىرى شەھرىزاد K-Pop ناخشىچى ۋە تور چولپىنى ئولى لوندوننى زىيارەت قىلدى. تۆۋەندە ئاڭلىغۇچىلارغا ئولى لوندون بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز.

مۇخبىر: ئۆزىڭىزنى ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

ئولى: مەن ئولى لوندون (Oli London)، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئوبزورچىسى ۋە شۇنداقلا خەۋەر يازغۇچىسى. مەن دائىم ئامېرىكا-فوكىس خەۋەرلىرى، Newsmax تېلېۋىزىيە قانىلى، ئەنگلىيە سۆھبەت تېلېۋىزىيەسى ۋە GB بۈيۈك بىرىتانىيە خەۋەرلىرىگە قاتنىشىپ ئۆزۈم ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەيمەن. مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تور چولپىنى شۇنداقلا تىك-توكتا Tik-Tok نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان قىسقا سىن فىلىملىرى ئىشلەيمەن، ۋە يوتۇبېر YouTuber مۇ بولدۇم.

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇرلارنى قاچان بىلگەن ئىدىڭىز؟

ئولى: مەن 2018-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقانىدىم. لاگېرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى 2017-يىلىدىن باشلاپ بىلىمەن. مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىزچىل سۆز قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھايۋاناتلارنى قوغداش ھەققىدىمۇ سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن. مەن ھەر دائىم ئۆز ساداسىنى چىقىرالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بەكرەك سۆزلەيمەن. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تۋىتتېردا كۆرگەنىدىم ۋە تەكشۈرۈشكە باشلىغانىدىم. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۇچۇرلار ئاساسلىق تاراتقۇ تېمىسى ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ دائىم مۇزاكىرە قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلار بۇ ئىشلارغا سەل قاراۋاتىدۇ. ھەتتا نايك، كوكا كولا ۋە ئالما قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ئۈچۈن شىنجاڭ ئۆلكىسىگە قارىتىلغان جازا قارارلىرىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە ئامېرىكا مەجلىسىدە لوبىچىلىق قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.

مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىڭىزگە نېمە تۈرتكە بولدى؟

ئولى: مېنىڭچە، ھېچكىم سۆزلىمىگەن بىر مەسىلىدە سۆزلەش ناھايىتى مۇھىم. مېنىڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپام بار. نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىغا قاتناشتىم. مېنىڭچە بۇ ھېچكىم سۆزلىمەيۋاتقان بىر مەسىلە. بەلكىم مەن نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلىشىم مۇمكىن. باشقىلارنى بۇ ئىشنى كۆرۈشكە، تەكشۈرۈپ بېقىشقا جەلپ قىلالىشىم مۇمكىن. ھەمدە باشقىلارنى خىتايدىن مەھسۇلات سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلالىشىم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىياسىيونلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىرالىشىم مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇ سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقنى قارار قىلغان. خىتايدىن پۇل تېپىشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسىگە سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ بەك خاتا. شۇڭا مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يورۇتماقچى.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يوللىغاندىن كىيىن، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ، دوستلىرىڭىزنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

ئولى: مەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يوللاشقا باشلىغان. 2021-يىل YouTube دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ، كىشىلەرنى ئويغىنىشقا ۋە نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن 50 مىنۇتلۇق سىن فىلىمى ئىشلىدىم. ماڭا ئۇيغۇرلاردىن ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق بەزى كىشىلەردىن بۇ توغرىلىق سۆزلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت دەپ ئىنكاس كەلدى. مەن ھەمىشە ئاۋازى بوغۇلغان كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيمەن. ماڭا كەلگەن ئىنكاسلار ئىنتايىن ياخشى ۋە ئاكتىپ بولدى. يېقىندىن بۇيان مەن بۇ توغرىلىق يەنە سۆزلەۋاتىمەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇر خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ سۆز قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلمىدىڭىزمۇ؟

ئولى: مەن بۇ توغرىلىق ئويلىمىدىم ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەن توغرۇلۇق نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق. مەن ئىلگىرى خىتايغا بېرىپ باققان، ئۇ بىر گۈزەل دۆلەت. مېنىڭچە، خىتايدا يۈز بەرگەن COVID، توپىلاڭ ۋە نامايىشلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بىزار. بىلسىڭىز، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشتىن كېيىن بۇنداق چوڭ ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغان.

مۇخبىر: تۋىتتېردا K-Pop چولپىنى جېكسون ۋاڭنىڭ (Jackson Wang) خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتى دېگىنىنى يازدىڭىز، بۇ توغرىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟

ئولى: بولىدۇ، بىرىنچىدىن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق K-Pop چولپانلىرىنىڭ بىرى بولغان جېكسون چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خوڭكوڭلۇق. ئادىداس بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن پاختىلارنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، جېكسون ئادىداسنى تىلغا ئېلىپ، يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمكارلىقنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلدى. بىر كىشى گۇگىل ئارقىلىق ئىزدىسىلا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى، (لاگېرلارنىڭ) سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى كۆرەلەيدۇ. باتۇر ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇ يەردە تارتقان سۈرەتلىرىنى كۆرەلەيدۇ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. (لاگېر) شاھىتلىرىمۇ كۆپ، ئاياللار، ئەرلەر، بالىلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. جېكسون ۋاڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاقلاپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى غەربنىڭ تەشۋىقاتى دېدى، بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق بىر گەپ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۆزى ياردەم قىلالايدىغان مىليونلارچە كىشىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويدى.

مۇخبىر: تور چولپىنى ۋە پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرىغا قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش لازىم؟ سىزنىڭچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىقىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟

ئولى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش كېرەك. چۈنكى (ئۇيغۇرلارغا) نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم كۆرمەيۋاتىدۇ. كۆپىنچە ياشلار، ئۇيغۇرلارغا قارىتا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ COVID. پەيدا بولغاندىن تارتىپ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، كۆپىنچە كىشىلەر خىتاي ھەققىدە پاراڭلاشقاندا مۇشۇنىلا سۆزلىشىدىغان بولۇپ كەتتى، بۇ خىتايغا پايدىلىق، چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يوشۇرالايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئىشلارنى ئورتاقلىشىشى كېرەك. مېنىڭچە تاراتقۇلار، YouTuber لار ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. (لاگېرلاردىن) قۇتۇلۇپ كەلگەن بۇ كىشىلەر يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلارنى سۆزلەيدۇ، كىشىلەرنى ئويغىتىدۇ ۋە ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا بىر ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە، قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان باشقا كىشىلەرگە بېسىم قىلالايدۇ. بىز سىياسەتچىلەرگە بېسىم قىلىشىمىز، ۋەكىللىرىمىزگە تېلېفون قىلىشىمىز ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم.

مۇخبىر: سىزچە سەنئەتكارلار ۋە تور چولپانلىرى ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

ئولى: ھازىر خىتايدا تۇغۇلغان ۋە خىتاينى ياقلايدىغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تامامەن ياخشى دەپ قارايدىغان، تەخمىنەن 30 K-Pop چولپىنى بار. ئالدى بىلەن شۇنى دەيمەنكى، بۇ K-Pop چولپانلىرىنىڭ مەستانىلىرى كۆڭۈل ئېچىش شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى بايانات ئېلان قىلىش ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىش كېرەك. بىلگىنىڭىزدەك K-Pop چولپانلىرى ۋە داڭلىقلار ئادەتتە سىياسەت توغرىلىق سۆزلىمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارغا كۆپ زىيانلىق. ئۇلار سىياسەت ھەققىدە نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، تاماشىبىنلىرىنىڭ يېرىمىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا K-Pop چولپانلىرىنىڭ گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. مېنىڭچە ئۇلار خىتاي توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا مەپتۇن، شۇڭا چولپانلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھەقىقىي سۆزلىسە، بۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى يورۇتسا، بۇ ئىشلاردا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى K-Pop چولپانلىرى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. شۇڭا بارلىق چولپانلار سۆزلەشكە باشلىسا، بۇ ئىشقا ياردەم قىلغان بولاتتى. تەسىر كۆرسىتىش جەھەتكە كەلسەك، مېنىڭچە تور چولپانلار بىر قىسىم سىنلارنى ئىشلىشى كېرەك، خۇددى مەن جېكسون ۋاڭ توغرىسىدىكى سىن فىلىمىنى ئىشلىگەندەك، ئۇلار يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئىشلارنى ئاشكارىلىشى كېرەك.

مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟

ئولى: ئەلۋەتتە. مەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان داۋالارنى قوللاشتا كۆپ ئىشلارنى قىلدىم، مەنچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمايۋاتىدۇ. مەن ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. مەن ھەمىشە ۋاشىنگتون ياكى لوندوندا بولىمەن، ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنى ئىشلىتىپ قانچىلىك ياردەم قىلالايدىغانلىقىمنى بىلىشكە تىرىشىمەن. مەن بۇ مەسىلىنى قانداق سۆزلەش، نېمە دېيىش، بۇ كىشىلەرگە قانداق ياردەم قىلىش، قانداق قىلغاندا باشقا كىشىلەرنى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن خەۋەر زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىمەن. مەن يېقىندا جېكسون ۋاڭنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئائىت بىر قانچە سىن فىلىمىنى ئىشلىدىم، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ سىن فىلىمىمنىڭ كۆرۈلۈش سانى 5 مىليون ئەتراپىدا بولدى. بۇ دېمەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ سانى 5 مىليون كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا داۋاملىق سۆزلىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن سىرت شەرقىي تۈركىستان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن. ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن سۆزلىشىپ ۋە ئۇلارنى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شىنجاڭ بىلەن سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەر تەرىپىدىن ھەق بېرىلىۋاتقان ۋە لوبىچىلىق قىلىۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ ئالدىدا ئاۋازىنى چىقىرىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىمەن. مەن يەنە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن بۇ ئازابقا دۇچار بولغانلار ئۈچۈن، شۇ جايدا قاپسىلىپ قالغان ئائىلىلەر، بالىلار، ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ھەممىسىگە دۇئا قىلىمەن. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشىنى تىلەيمەن. ئەگەر يېتەرلىك ئادەملەر بۇ ئەھۋالنى كۆرسە، بىلسە، يېتەرلىك شىركەتلەر خىتايغا قارشى نامايىش قىلسا بىز بۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرەلەيمىز. ئەمما بىزدە بۇ توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلار يېتەرلىك بولمىغۇچە، ئۇلار شۇ داۋاملىق قاپسىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مۇخبىر: زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.