«ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

7-نويابىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىننىڭ 1-بۆلۈمى ئىنتېرنېت مۇھىتىدا سىرتقا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسىي دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ھەر ساھەدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بولۇپ، 26 كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسۇر دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، نۆۋەتتىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، قابىلىيەتلىك ياش ئىز-باسارلارنى تەربىيەلەپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلكىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېميەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ 1-بۆلۈمىدە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى، كېيىنكى قېتىملىق 2-بۆلۈمىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىشتا تەييارلاشقا تېگىشلىك شەرت-شارائىتلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن مۇزاكىرە تېمىلىرى ۋە يىغىن قائىدىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئوقۇشى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى ئۆگىتىش قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئائىلىلەرنىڭ ئەۋلاد تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بىر تۇتاش دەرسلىك ماتېرىياللارنى تۈزۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ جىددىي بىر خىزمەت ئىكەنلىكى، بۇنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

يىغىندا دوكتور رىشات ئابباس ئانا تىلىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون ۋە شەھەرلەردە كۆپلەپ مەكتەپ ئېچىشنى، دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىزدىنىش، دەرسلىك ماتېرىياللارنى بىر تۇتاش ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

دوكتور قاھار بارات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىستاتىسكالىق دوكلات تەييارلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە، ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىغا ئانا تىل بويىچە ياردەم فوندى تەسىس قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا دوكتور ئەركىن سىدىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىنتېرنېت مۇھىتىدا تور سىنىپى ئېچىپ، سىستېمىلىك شەكىلدە ئۇزاقتىن ئۆگىنىشكە شارائىت ھازىرلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئەركىن سىدىق ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكىتىپى قۇرۇلدى. بىراق كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ مەكتەپلەر توختاپ قالدى. بۇ مەكتەپلەردە دەرسلەرنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئىنتېرنېت تور ئۇچۇر مەركىزى قۇرۇش، دەرسلىك ۋىدېيولارنى ھازىرلاپ، تور ئۇچۇر مەركىزى تور بېتىدە قويۇپ ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئانا تىلىمىزدىكى تور سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك.»

يىغىندا يەنە ئەۋلاد تەربىيەسى، ئائىلىدە پەزەنتلەرگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش، مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا يەنە قانداق قىلغاندا دەۋا سېپىدە ياشلارنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدا تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىش قىلالايمىز؟ ياشلارنىڭ كەلگۈسى ئىزباسار بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياشلارنى بايقاش، قابىلىيىتىگە قارىتا ئىش قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، قابىلىيەتلىك ياشلارنى بايقاپ تىزىملاپ چىقىپ، ئۇلارنى ھەر ساھە بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ ھەقتە دوكتور قاھار بارات مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كىچىكىدىن كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش، بىر تۈركۈم قابىلىيەتلىك ياشلارنى سىياسەت، دىپلوماتىيە، قانۇن، ھەربىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن رەھبەر تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دەۋا سېپىدە ياشلارنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دەۋا سېپىدىكى ياشلارنى كۆپەيتىش ۋە ياشلارنىڭ كەلگۈسى ئىزباسار بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئاغزاكىي سۆزلەش ۋە ئۈلگىلىك ئەمەلىي خىزمەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، نامايىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئۆسمۈرلەرنى ۋە ياشلارنى كۆپرەك قاتناشتۇرۇش، پىداكارلىق روھى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە پىداكارلىق روھنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلىق ئۇچۇر توپلاش، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى ۋەتەننىڭ ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش زىيالىيلارنىڭ ئەڭ مۇھىم قىلالايدىغان ئىشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ناھايىتى قىزغىن مۇزاكىرە كەيپىياتىدا داۋام قىلدى.