خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن دائىم تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى «ئىزدە» تور بېكىتىدە «تۈركىيە» «تۈرك» ھەتتا «تۈركچە» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەش چەكلەنگەن.
ئىزدەش ماتورىغا «تۈركىيە» دەپ بېسىلغىنىدا تور بەت تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان، كوللېكتىپ ۋە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئۇچۇر-مەزمۇنلار» نىڭ «ئىزدە» تورىدا ئىزدەشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش چىقىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە يەنە، «ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ ھۆكۈمەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە قارشى ۋە دۆلەتنى پارچىلايدىغان، دۆلەت بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان» مەزمۇنلارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى قوشۇمچە قىلىنغان. ئەمما «تۈركچە»، «تۈرك» ۋە «تۈركىيە» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ قايسىسىغا تەۋە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىزدىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
بىز «ئىزدە» تورى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، تور بەت ئۈستىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ئېلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاسىتە ئالاقە قىلالمىدۇق.
«ئىزدە» تور ئىزدەش ماتورى «ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش شىركەت قارمىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تور لۇغىتى «ئىزدە لۇغىتى» دىن تۈركچە لۇغەت تەركىبنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىمۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنى چەكلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە چەكلىمە قويۇشى ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» سۈپىتىدە ئىزاھلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن بىئارام بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي قوۋملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئازلىتىشقا، ئىمكانقەدەر چەكلىك دائىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا، مۇمكىن بولسا پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركچىلىك ئىدىيەسى، ئىسلامى ئىدىيەسى ۋە مىللىي كىملىك ئىدىيەسىنى توسۇشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. بۇ خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر بىرىگە ئىشەنمىگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سەمىمىي بولمايدۇ. شۇڭا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن.»
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسور ئىلياس دوئان ئەپەندىم تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركى مىللەتلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى پوزىتسىيەسى يېڭى ئەھۋال ئەمەس. خىتاي بىلەن تۈركلەرنىڭ زىددىيىتى 2500 يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە. خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخى ئەسلىمىسى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن پسىخىك بىنورماللىقتىن ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن راھەتسىزلىك ھېس قىلىشى ئوخشاش سەۋەبلەرنى مەنبە قىلغان. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەرقى تۈركىستاندا بارلىققا كەلگەن.
خىتاي ئۇيغۇرلاردىن ۋە تۈركلەردىن بولۇپمۇ تۈركىيەدىن راھەتسىزلىك ھېس قىلىشىنىڭ سەۋەبى: خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىكى ۋە ئىشغال قىلماقچى بولغان تۇپراقلاردىكى ئىنسانلار تۈركچە ئىشلىتىدۇ، قازاقلار، ئۆزبېكلەر قىرغىزلار تۈركى مىللەتلەرنىڭ پارچىسىدۇر. ياۋروپالىقلار ئۈچۈن ئانتىك (قەدىمكى) يۇنان ئاساس ھېسابلانسا، قەدىمكى يۇنان غەرب ئۈچۈن مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاتا، باشلانغۇچ ھالىتىدە بولسا، تۈرك ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئوخشاش تارىخى ئورۇنغا ئىگە. تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ شەھەرلەشكەن خەلق ئۇيغۇرلاردۇر.»
2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە سودا قىلغان، تۈركىيەدە ئوقۇغان، ھەتتا تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىغا ئائىت بىر تۈركۈم خەۋەرلەر رادىيومىز ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانىدى. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە پروفېسسور ئىلياس دوئان ئەپەندىمدىن سوئال سورىدۇق، ئىلياس ئەپەندىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈرك ئىسمىنى، تۈركچە مەنبەلەرنى كۆرۈشنى چەكلىشى خىتاينىڭ 1959-يىلدىن بېرى داۋاملاشقان، لېكىن ئاخىرقى 4 يىل ئىچىدە ئېغىرلاشقان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا قارشى سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن، دېموكراتىيە ۋە ئەركىن ئاخباراتچىلىقى بولغان دۆلەتتە جامائەت پىكرىگە قارشى دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقانلار تۈرك خەلقىنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە ۋىجدانلىرىغا مۇخالىپ پوزىتسىيىسىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمايدۇ. تۈركىيە چوقۇم سىياسىتىنى ئالماشتۇرىدۇ. خىتاي تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تۈرك ئاخباراتى ۋە تۈرك تېلېۋىزىيەسىدە ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، جاسۇسلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى ۋاسىتىلىك تەمىنلىگەن مەنپەئەتلەر بىلەن سىياسەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇلارغا تەشۋىقاتلىرىنى قىلغۇزۇۋاتىدۇ. لېكىن تۈرك خەلقىنىڭ ۋىجدانى بۇ ئىشلارنى ئېسىدە تۇتۇۋاتىدۇ. تۈرك خەلقى كۆز بوياشلارغا ئالدانمايدۇ.»
0:00 / 0:00