8-ئىيۇن كۈنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە «كانادا ئۇيغۇر خەيرى-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر كېچىلىككە كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كانادانىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە چەتئەللىك مېھمانلار بولۇپ، جەمئىي 600 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.
بىز بۇ كېچىلىكنىڭ تەپسىلاتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش مەقسىتىدە كېچىلىكنى ئۇيۇشتۇرغان كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كېچىلىكتە ئورۇنلانغان نومۇرلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا تونۇشتۇرۇلۇپ، چەتئەللىك تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن خەۋەردار بولىدىغان بىر شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن ئىكەن.
زىيارەت داۋامىدا تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى مەزكۇر كېچىلىككە كانادا يەھۇدىيلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى، خەلقئارالىق «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق كانادادىكى بىر قىسىم چەتئەللىك مۇھىم ئەربابلارنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە مۇھىم سۆز قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى سۆزىدە كېچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، كېچىلىككە ئەنگىلىيەدىن رەھىمە مەخمۇت، ئەزىز ئەيسا قاتارلىق پائالىيەتچىلەر قەدىم تەشرىپ قىلغان ۋە سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇندىغان. ھالبۇكى، قازاقىستاندىن سانىيە ئىسمائىل ۋىزا ئالالمىغانلىقتىن مەزكۇر كېچىلىككە كېلەلمىگەن.
بۇ قېتىملىق «كانادا ئۇيغۇر خەيرى-ساخاۋەت سەنئەت كېچىلىكى» كە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت مەزكۇر كېچىلىك ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ كېچىلىككە كانادانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆملۈك ۋە ئىتتىپاقلىق روھىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
رەھىمە مەخمۇت خانىم يەنە ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېغىر كرىزىسنى خەلقئاراغا نوقۇل نۇتۇق سۆزلەپ ئاڭلاتقاندىن باشقا يەنە ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت شەكلى بىلەن ئاڭلاتسا تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسانىڭ «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن مىكرو فىلىم قويۇلغان بولۇپ، كېچىلىككە قاتناشقان چەتئەللىكلەر مەزكۇر فىلىمگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئاخىرىدا تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ قانداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مەزگىلدە بۇ خىلدىكى كېچىلىكلەر تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئىلغار بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى تونۇتالايدىكەن شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدىكەن.