13-ئاپرېل كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇخەلچەم ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەخمەت، نۇرمۇھەممەد روزى ۋە ھەمدۇللا ۋەلى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تۈرمىگە قاماش، قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى.
31-مارت كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئايال بۇخەلچەم ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى، جىددە شەھىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى تۈرمىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 13-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر ئايال بۇخەلچەم ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى بابۇرە مىرئەخمەت 31-مارت كۈنى مەككە شەھىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى، بۇخەلچەم ئابدۇللاغا ساقچىلار، 2020-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەد روزى بىلەن قوشۇپ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تۆت ئۇيغۇر ھازىر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا تۈرمىگە قاماشقا، قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇش ئىشلىرىنى دەرھال توختىتىش كېرەك».
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوللىغۇچىلىرى ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلىنغان. ئىمزا قويۇش ئادرېسى:
خەلقئارا كەچۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسى لىن مالوف( Lynn Maalouf )بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا جامائىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توختىتىپ ئۇلارنى خەۋپتىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە سائەت ئىچىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك».
ئۇ باياناتتا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانغا خىتاب قىلىپ: «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، بىر ئايال ۋە ئۇنىڭ كىچىك قىزى قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ تۆت ئۇيغۇر مەجبۇرىي قايتۇرۇلسا سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا قانۇندىكى مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى خىيالىدىنمۇ ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇلار قايتۇرۇلسا ئۇ يەردە تۈرمىگە قامىلىشقا، قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ».
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىغا بىرقانچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفۇن ئېلىنمىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا يەنە مەزكۇر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش رۇخسەت كىنىشكىسى بولغان 54 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال بۇخەلچەم ئابدۇللا ئىككى ھەپتە ئالدىغىچە، ئىلگىرىكى يولدىشى بولغان نۇرمۇھەممەد روزى بىلەن پات-پات تېلېفوندا سۆزلەشكەنىكەن. ئۇ نۇرمۇھەممەد روزى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا 20-مارت كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، نۇرمۇھەممەد روزى ئۆزىنىڭ ۋە ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىغا، «خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن مۇشۇ يەردە ئۆلۈشنى تاللايمىز» دېگەنلىكىنى ئېيتقان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى نۇرىمانگۈل ۋەلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرىمانگۈل، دادىسى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا چاقىرىق قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
نۇرىمانگۈل ۋەلى رادىيومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلق ئاممىسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ، دادىسى قاتارلىق تۆت ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توختىتىشقا ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەر بولغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلدى.
نۇرىمانگۈل ۋەلى دادىسى ھەمدۇللا ۋەلى قاتارلىق ئۇ تۆت ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.