ھېنرى شاجىۋېسكى: «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تويلاشتۇرۇلۇشى مۇستەملىكىنىڭ بىر شەكلى»

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ھەر خىل شەكىلدە توي-‏مەرىكىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەھۋال بىر ئاز مۇرەككەپ.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ساياھەت ئورنى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان «كۇچا ۋاڭ سارىيى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر قىزلىرى سەھنىگە ئېلىپ چېقىلىپ، ئەتراپتا توپلاشقان ساياھەتچى خىتاي ئەرلىرىگە خىتايلارنىڭ ئادىتى بويىچە گۈللۈك توپ تاشلاپ يىگىت تاللاۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى غەزىپىنى قوزغىغان.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە ئويۇن ئورنىدا بولسىمۇ، يۈزىنى يېرىم ئېتىپ قويغان بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىزىنى رىياسەتچى بىلەن ساياھەتچى خىتاي بازاردىكى «مال» نىڭ ئورنىدا كېلىشىپ «توي» ىنى قىلىپ قويغان.

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «گۈللۈك توپ تاشلاش» ئادىتى خىتايلارنىڭ قەدىمكى تويلىشىش ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زامانلاردا بۇ ئادەت خىتايلارنىڭ ئارىسىدىمۇ قارشى ئېلىنمىغان.

بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ۋىدىيو بولسا، بىر خىتاي يۇتيۇبىرنىڭ تىپىك ئۇيغۇرچە ياسانغان ئىككى ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسى. بۇ ۋىدىيودا ئوتتۇرا ياشلىق بىر خىتاي ئەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىنىڭ قايسى تەرىپىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇيغۇر قىز توي قىلسا توي قائىدىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. قىزلار بولسا، خىتاي ئەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە توي قىلىشنى خالايدىغانلىقنى ئېيتىدۇ.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ قارىماققا ئاددىيلا بىر زىيارەت خاتىرىسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە «بازارغا سېلىۋاتقان» بىر تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2017-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا «ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭ (قەيسەرجان) نىڭ نىكاھ تويىغا مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان توي مۇراسىمى ھەققىدىكى بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان، ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇلغان خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ۋىدىيو ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئاسسىمىلياتسىيە. ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىسىنى، ئۆزلىرىمۇ ئۆتكۈزمەيدىغان ھەر خىل مۇراسىملىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئوينىتىشى. . . يەنى شۇنى دېيىشىم كېرەككى، بۇ ئىككى ۋىدىيو باشتىن-ئاخىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان ھاقارەت بىلەن تولغان. ئادەتتە مۇستەملىكە قىلىنغان رايوندا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. يەنى، شۇئان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بەدىنى مۇستەملىكىچى خىتاي ئەرلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىنىڭ، باستۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان. دېمەكچىمەنكى، بۇ يەردىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېنىق. بۇ يەردىكى مۇناسىۋەت مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مۇستەملىكىچى ئەرلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاياللارنىڭ كۈچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ھۆكۈمەت بىۋاسىتە خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇيغۇر ئاياللار بەدىنىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى لىنزىسى ئارقىلىق ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق تەدرىجىي ھالدا مۇستەملىكە قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. يەنە بىر قوشۇمچە نۇقتا شۇكى، ئاشۇنداق ۋىدىيولارنى ئىشلىگەن خىتايلار مۇشۇنداق مەزمۇنلار ئارقىلىق قوشلاپ پۇل تاپىدۇ.»

«ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» نىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى دىرېكتورى خېنا زۇبەرى خانىم بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا قىلىنغان ۋەھشىيلىك» ناملىق دوكلاتى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئىشغالچىلار، يەنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى بېسىۋالغان ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي رىشتىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ جان تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاياللارنى ۋەيران قىلىشتىن باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ھېنرى شاجىۋېسكى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ گەرچە خىتايلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانلىقىغا دائىر بىر يازما ئوقۇغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ياشىغان ئۇيغۇرلاردا بەدەنگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئېنىقكى ھاراق ئىچمەسلىكنىمۇ، قىز-ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ياتلاردىن قوغدىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەقىدە دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالسىمۇ، مەن بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىنىنى خىتاي كومپارتىيەسىدىن مۇستەقىل تۇتۇش يولى دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ بەدىنى خىتايلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسى چېقىلالمايدىغان 'رايون' ئىدى. ئۇلار گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، بەدىنىنى ئىگىلىيەلمىگەنىدى. ئەمما ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز بولسا، خىتاي ئەرلىرى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بەدىنى ئارقىلىق بۇ توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ بەدەنلەرمۇ ئەمدى ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس. ئۇلار خىتايلار ۋە پارتىيەگە مەنسۇپ. ئېيتقىنىمىزدەك، مۇستەملىكىنىڭ بىر شەكلى.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قورالى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.