خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە ئاشكارا چاقىرىق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.04.24
toylishish-teshwiqati.jpg خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشقا ئاشكارا چاقىرىق قىلىدىغان ئېلان ۋە تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىرى.
Social Media

يېقىنقى ۋاقىتلاردا، خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشقا ئاشكارا چاقىرىق قىلىدىغان ئېلان ۋە تەشۋىقاتلار تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ زور كۆلەمدە تارقالغان خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىماقتا. ئۇنىڭ بىرى ئۆزىنى بىڭتۇەنلىك لى نەي نەي (لى چوڭ ئانا) دەپ ئاتىۋالغان، بىڭتۇەندىكى لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىدىكى خىتاي ئايالنىڭ خىتاي ئىچىدىكى يىگىتلەرنىڭ، «خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر قىزلار توي قىلساق بولامدۇ ؟ ئۇلار بىلەن توي قىلساق ھۆكۈمەت نەچچە پۇل مۇكاپات بېرىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن قىياپەتتە تارقاتقان سىن تەشۋىقات فىلىمى.

لى بۇنىڭدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەت قىزلىرىنى چىرايلىق، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل دەپ بىر ھازا ماختىغاندىن سىرت، بۇ جايدا ھەر مىللەتنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان ئىش دەپ كۆرسىتىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردىن نۇرغۇن سودىگەرلەر، ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلار كېلىپ، بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ، توي قىلىپ ياشاپ قېلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ دەپ ئەمەلىيەتنى بۇراپ كۆرسىتىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا تويلىشىش، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقادى ئوخشاپ كېتىدىغان مىللەتلەردە كۆرۈلسىمۇ، ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن ھەتتا خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يوق دېيەرلىك بولۇپ كەلگەن.

2014-يىلى 2-سېنتەبىر، خىتاينىڭ «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار» تورىدا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ نىكاھلىنىش سانى بىرقەدەر ئاز، 2000-يىلى 5-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەت بىلەن نىكاھلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ 1.50% بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 0.996% نى، ئاياللار 0.994% نى ئىگىلىگەن» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

2014-يىلى 21-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم چىقارغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەت، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھۆججەتتە، ناھىيە تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار تويلاشسا، ئولتۇراق ئۆي ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى جەھەتتە ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئۇيغۇر تويلاشقان سۈرەتلىك خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ خىلدىكى سىياسىيلاشقان كوللېكتىپ توي مۇراسىملىرىنىڭ ۋىدېيولىرى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان كۆرۈنۈشكە ئايلانماقتا.

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ توي قىلىشىدا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان بىڭتۇەندىكى لى ۋىدېئولۇق بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش ئېلانىدا يەنە «بۇ جايدا نۇرغۇن ئاساسلىق مىللەتلەر بار ئۇيغۇر قازاق، تۇڭگان دېگەندەك، ئەگەر سىلەر ئوخشىمايدىغان مىللەتلەر بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئىستىسەڭلار لى نەي نەينىڭ يېنىغا كېلىڭلار!» دەپ تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكېسى خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىغا تىۋېتىر بېتىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ بولسا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر بۆلىكى، بۇ بىنورمال تەشۋىقاتلاردا پەقەت ئۇيغۇر قىزلىرى خىتايلار بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇيغۇر يىگىتلەرنىڭ خىتاي قىزلىرىغا ئۆيلەنگەنلىكىدەك ئەھۋال كۆرۈنمەيدۇ» دەپ يازغان.

يەنە نۇرغۇن ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ئارقىلىق سىياسەت ئارقىلىق خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىنى «يىرگىنچلىك سىياسىي نىكاھ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۈچلۈك ئەيىبلىگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ئەرلىرىگە باشقا مىللەتلەردىن لايىق تونۇشتۇرۇۋاتقان لى فامىلىلىك ئايالنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىڭتۇەنگە ئەينى دەۋردە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىشى بىلەن كەلگەن، مەجبۇرىي سىياسىي نىكاھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت قىزلىرىنىڭ سىياسىي نىكاھقا مەجبۇرلىنىشىدا رول ئېلىۋاتقانلىقىنى «ناھايىتىمۇ ئەخلاقسىز بىر قىلمىش»، دېدى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە گەرچە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا توي قىلىش مەۋجۇت ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇھەببەت ۋە ئۆز رازىلىقى بىلەن بولغاندىلا نورمال بولىدىغانلىقى، ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدە توي يېشىدىكى ئەركەكلەر ئاساسەن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن، خىتاي بىلەن توي قىلىشقا قارشى چىقىش رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە جازاغا ئۇچراۋاتقان شارائىتتا بۇ خىل سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلاشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر، بولۇپمۇ 2مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا قامىغان، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ئەڭ سەزگۈر ھالەتكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا تويلاشتۇرۇشنى ئاشكارا تەشۋىقات قىلىشىنى «ئاجايىپ بىمەنىلىك» دەپ تەنقىد قىلغان «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر تەركىبى. نىكاھ ئەسلى ئۆز مەيلى بويىچە بولىدىغان ئىش ئەمما خىتاينىڭ بۇ يەردە مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەدبىرى ئارقىلىق مىللەت ھالقىغان تويلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدەك سىياسىيلىقى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرى بۇنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئېنىقلا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە خىتاينىڭ ئىككى خىل مەقسىتى بار، بىرى خىتاي ئىچىدە ئەر-ئايال نىسبەت تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر بۇزۇلغان. خىتايلاردىكى خوتۇن ئالالمايدىغان بويتاقلار سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بۇ خىل خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدا ئىككى مىللەتتىن تۇغۇلغان شالغۇت بالىلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئايرىغاندا ئادەتتە ئاتا تەرەپكە تەۋە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تەشۋىقات قىلىنىشى بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزاق مۇددەتلىك كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قىپيالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىشى».

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساياھەت ئېلانى ئارقىلىقمۇ خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشنى كۈچەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان يەنە بىر خىتايچە سىن فىلىمىدىن ئاشكارىلاندى:

بۇ ئېلاندا ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» دېگەن بىر قىز، ھەتتا ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي يىگىتلەر بىلەن توي قىلسا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەرگەن جاۋابى سۈپىتىدە ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ مۇھەببەتنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت چېگراسى بولمايدىغانلىقىنى، ھەقىقىي سۆيگۈسى بولسىلا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، بىر ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ خەنزۇ يولدىشىنىڭ كۆيۈمچان ۋە تىرىشچانلىقىدىن ناھايىتى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قاتارلىقلارنى سۆزلىگەن. ئۇ يەنە «ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. كۆپچىلىك سىلەرمۇ ئۇيغۇر گۈزەللىرىنى ياقتۇرامسىلەر؟» دەپ چاقىرىق قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلىغان تۇتقۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە لا تروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جەيمس لەيبولد، ئۆزىنىڭ تىۋىتېر بېتىدە بۇ خىل تەشۋىقاتلارغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىدىغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئارقىدا بولۇپ، ئاران 1% گە يېتىدىغانلىقنى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاينىڭ ئىككى مىللەتنىڭ توي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى بولسا، خىتاينىڭ بۇ رايوننى بېسىۋېلىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر ۋاسىتە دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ توي يېشىدىكى ئەرلىرىنى قاماپ يەنە بىر تەرەپتىن ھەتتا ئۇلارنى تۇغقانلاشتۇرۇپ ۋە نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاپ، مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە ھاسىل قىلالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈردى. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە قۇرۇشتىكى قىممەت ئۆلچەملىرىدىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى مەدەنىيىتىدىكى پەرقلەر بۇ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئىككى مىللەت ئارىسىدا نىكاھلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەجبۇرلاش چارىلىرى بولسا، مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.