ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەشۋىقاتى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا ئاشكارا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

2016-يىلىدىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەر دەسلەپكى مەزگىللەردە، ، خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلغانىدى. يېقىندىن بۇيانقى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ۋە ھۆكۈمەت تورلىرى خەۋەرلىرىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتايلار بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق بۇ خىل تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى فەيسبوك تورىدا تارقالغان بىر سىن فىلىمىدا، گۈلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۈگۈنكى شارائىتتا بۇنىڭغا ھېچقانداق توسالغۇ قالمىغانلىقىنى ۋە تامامەن مۇمكىنلىكىنى تەرىپلىگەن.

ئۇ يەنە بۇنى: «جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكىنىڭ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نامايەندىسى» دەپ مەدھىيەلىگەن.

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيەسىنى تۈگىتىش» نامىدا قامىغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» يەنى «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا ئاشكارا دەۋەت قىلىشلىرى 2016-يىلىلا باشلانغان.

زۇمرەت داۋۇت خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ 2016-يىلدىن 2018-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ كۆرگەن ئەھۋاللاردا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشىدا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ئاكتىپ رول ئوينىغانىكەن.

زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە يۈزلىنىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىق، ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئائىلىلەردە تۇل قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تىرىكچىلىك يولى ئۈزۈلۈپ كېتىشتەك كۆپ خىل سەۋەبلەر ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەب-ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنلا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېزلەتكەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 2010-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بۆلۈپ بېرىلىپ، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويۇش تەشەببۇس قىلىنغانىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر شارائىتتا، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقات ۋە ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ چۈشەندۈردى.