قەشقەر خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمى: مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا ئائىت ئۇچۇرلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدۇ

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا مىللەتلەر ئارا توي قىلىش چاقىرىق قىلىنغان بىر بىر ئۇيغۇرچە ئېلان تارقالدى. بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئائىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان بۇ ئېلاندا 100 نەپەر كېلىنگە ئېھتىياجى بارلىقى بايان قىلىنغان. بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىر خىتاي ئەركەكنىڭ توي مۇراسىمى كۆرسىتىلگەن بۇ ئېلان، كەسپىي سەۋىيەدىكى بىر دىكتور تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمى 100 كېلىن پىلانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ياتىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر ئېلاننىڭ قەشقەر تەۋەلىكىدە چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان ۋە 100 نەپەر كېلىنگە ئېھتىياجى بارلىقى بايان قىلىنغان مەزكۇر ئېلان مەخسۇس كەسپىي سەۋىيەدىكى بىر دىكتور تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئېلاندا بۇ ئۇچۇرنى قولۇم-قوشنىلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئاشكارا تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما ئېلاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قايسى ئورگىنى ۋە قايسى بىر شىركەتكە تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنمىغان. توردىكى ئىنكاسلاردا مەزكۇر ئېلاندا قالدۇرۇلغان تېلېفون نومۇرىنىڭ قەشقەرگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىز مەزكۇر ئېلاننى تارقاتقان ئورگاننى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قالدۇرۇلغان تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ تېلېفون كۆپىنچە ھاللاردا مەشغۇللۇقى سەۋەبىدىن ئېلىنمىغاندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بىز مەزكۇر ئېلاننىڭ قايسى ئورگان ياكى شىركەتكە ئائىت ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خادىم، ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغانلارنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىكەنلىكى، تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن، مەزكۇر ئېلان چىققاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە قانداق تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، يەنى قىزىقىش قوزغىغان-قوزغىمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، بۇ سوئالغىمۇ ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەنلىكى، توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب بېرىشكە سالاھىيەتلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ باشتىن ئاخىر، 100 كېلىن چاقىرىقى ھەققىدە بىر ئېلاننىڭ چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئارقىدىن قەشقەر بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ مىللەتلەر 'ئارا توي قىلغانلىقى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالىمىزنى ئۆزى بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان بۆلۈم مەسئۇلىغا يەتكۈزدى. بۇ خادىم شۇ مەسئۇلنىڭ جاۋابى بويىچە مىللەتلەر ئارا توي قىلغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدىمۇ، قەشقەرنىڭ مىشا يېزىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى نامى ئاستىدا زىياپەت سورۇنلىرى تۈزۈپ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن. ئەمما ئاڭلىغۇچىلىرىمىز يەتكۈزگەن بىر ئىنكاستا، بۇ تۈردىكى خىزمەتلەرنىڭ خوتەندە قانلىق بىر ۋەقەگە سەھنە بولغانلىقى مەلۇم قىلىنغان؛ يەنى سېسترا قىزنىڭ ئۆزىگە ئۆيلەنمەكچى بولغان خىتاي ئەركەكنى سېسترا پىچىقى بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ؛ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ بولغانلىقى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاراقاشنىڭ دۇۋا يېزىسىدا بىر توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.

مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا زورلاش ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ قېتىملاپ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان؛ بۇلاردىن قۇمۇلدا يۈز بەرگەن 1931-يىلىدىكى شوپۇل ۋەقەسى 1930‏-يىللاردا يارتىلىغان شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا قوزغاتقۇچ ۋەقەلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى.