يېقىنقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويماقتا. 2014-يىلى 21-ئاۋغۇست چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم چىقارغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى» ناملىق ھۆججەت شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەنىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ئاساس قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بۇ توغرىلىق ئاشكارا چاقىرىق قىلىدىغان ئېلان ۋە تەشۋىقاتلار، ھەتتا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئارزۇسىنى ھاياسىزلارچە ئىپادە قىلىشلىرى، «چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئالغانلىقى» نى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىتايلارنىڭ بەتبەشىرە قىلىقلىرى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ يەر ئالدى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلارغا «يەمچۈك» قىلىشنى كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىسىدا
نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنى بازارغا سالىدىغان بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن «تىك-توك» ۋىدىيولىرى يېقىنقى كۈنلەردە فەيسىبوكتىكى ئاكتىپلاردىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇل ئەزىز قاتارلىقلارنىڭ ھەمبەھىرلىشى بىلەن ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سەسكەندۈرمەكتە.
ئۆزىنى «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ خادىمى دەۋالغان بىر ئۇيغۇر قىزى، بۇ شىركەتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلىدۇ.
بىز بۇ ئېلاندا بېرىلگەن «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى» قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان مۇلازىم بۇ شىركەتنىڭ «بىخەتەرلىك ئىدارىسى» (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) ھەمدە «ئۈرۈمچى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى» نىڭ مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈپ قوللىشى ئاستىدا مۇلازىمەت باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىڭتۈەن ۋە باشقا ئورۇنلاردا بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى قۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتقانلىقى بىڭتۈەنلىك لى نەي نەي (لى چوڭ ئانا) ئىسىملىك خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى خىتايلارنى «ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىش» ۋە ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، «پايدىلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش» نى تەشۋىق قىلىش مەزمۇنىدىكى ۋىدىيولىرىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتايچە تورلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارغا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت قىزلىرىدىن لايىق ئىزدەشنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغان بۇنداق شىركەتلەر نۆۋەتتە ھەممە شەھەرلەردە كۆپلەپ قۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن بۇ يات ۋە ئەخلاقسىز ھادىسىگە قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياتلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، شۇنداقلار خىتايلاردىن لايىق ئىزدەيدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە تور سۇپىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. يەنە بەزى ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ يۈزلىنىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر مىليارد تۆت يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە ئادەم دېڭىزىدا نوپۇس، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتتىن ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسەتلىرىنى زور قەدەمدە نورماللاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «شىنجاڭ لايىقىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مۇتەللىپجان مۇھەممەت ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، بۇ شىركەت 2019-يىلى 12-ئاينىڭ11-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر شىركەت ئۈرۈمچى بەيخۇا كەنتى خەلقئارا ئۇچۇر بىناسىدا تىزىمغا ئېلىنغان؛ شۇ ۋاقىتتا رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغىنىڭ بەش مىليون سوم خەلق پۇلى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. مەزكۇر شىركەت لايىق تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن باشقا يەنە يىغىن ۋە كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، فوتوگراف ۋە سىن ئىشلەش، ئېلانچىلىق، يۇمشاق دېتال ئىشلەش، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويغانىكەن.
بۇ شىركەت ئىشلەپ تارقاتقان «لايىقىم» يۇمشاق دېتالى بولسا، مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەرلەرگە تونۇشتۇرۇش يۇمتالى سۈپىتىدە، دۇيىن (تىك-توك) ، ۋېيبو قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇچرىشىش ۋە لايىق ئىزدەش سۇپىسىغا ئايلانغان. «لايىقىم» سۇپىسىنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تىزىملاتقان ئەزاسى 1 مىليون 202 مىڭغا يېتىدىكەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادىتىدىكىدەك ئىنكار قىلدى
بىز مەزكۇر لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم «لايىقىم» نامىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشى ياكى قوللىشى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
_لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنى خەلق ئىشلار ئىدارىسى باشقۇرمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزدا ئەمەس، ئۇلارنىڭ دېگىنى يالغان.
-ھۆكۈمەتنىڭ ‹مىللەتلەر بىر ئائىلىدەك ئىتتىپاق بولۇش› دېگەندەك سىياسەتلىرى ئاستىدا ئۇلار سىلەرنىڭ قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشۈڭلارغا ئېرىشەمدۇ؟
-پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
-ئۇنداقتا ئۇلار نەنىڭ باشقۇرۇشىدا؟
-بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا.
-ھەممىسى مۇشۇ يەردە توي قەغىزى ئالىدۇغۇ؟ ئۇيغۇر قىزلار بىلەن خىتايلار توي خەت ئېلىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۈرۈلدىمۇ؟
-بۇنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈڭ، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئىدارە مەسئۇل ئەمەس. سىزنىڭ نومۇرىڭىز چەتئەلنىڭغۇ؟ . . .
-شۇنداق.
بۇ جاۋابتىن كېيىنلا ئۇ تېلېفوننى ئۈزدى.
بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. لايىق تونۇشتۇرۇش شىركەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى قانداق جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا بىر خىتاي جاۋابەن مۇنداق دېدى:
«ئادەتتە ھەر قانداق لايىق تونۇشتۇرۇش شىركەتلەرنىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تارقاتقان تىجارەت كىنىشكىسى بولسىلا ئۇلار تىجارىتىنى باشلىيالايدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ئىش قىلمايدىغانلىقىغا بىز كاپالەتلىك قىلىمىز، دېگەنلىك ئەمەس. قانۇن بويىچە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغدىيالمىغان ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېرىشكەن بولسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنسىڭىز بولىدۇ. »
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورۇن پەقەت تىجارەت كىنىشكىسى چىقىرىپ بېرىدىكەن، ئەمما ئارقىدىكى ئىشلاردا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كەسىپلەر بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلارغا مۇلازىمەت ھەق ئۆلچىمىمۇ بېكىتىلمىگەنىكەن.
بىز ئۇنىڭدىن يەنە «ئۇنداقتا، مەسىلەن، ئۇلار خەلق ئىشلار ئىدارىسى دېگەندەك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەن بولسا بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ » دەپ سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى :
«شۇنداق، شۇنداق. ھەر قانداق شىركەتلەر شۇنداق، ئەمما ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلارنى قوللىغانلىقىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ بۇ شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىقىغا كاپالەت خېتى بەرگەنلىك ئەمەس-تە. »
بىز يەنە سورىدۇق : «ئەمىسە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ قوللىشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنىمۇ؟ »
خىتاي خادىم دەرھال سەزگۈرلەشتى بولغاي، «بۇلارغا. . . مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن» دەپلا سۆزىنى ئۈزدى.
ماجۈ : «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى! »
خىتايچە مەنبەلەردىن مەلۇم بولغان ھەقىقەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇيغۇر دىيارى مۇنقەرز بولغان 70 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش نىسبىتى ئىزچىل %1 كىمۇ يەتمەيدىغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ كەلگەن. لېكىن خىتاينىڭ مەخسۇس سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتىدە قانچىلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىگە ئائىت ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىغا ئائىت ۋىدىيولارنىڭ كۆپەيگەنلىكى بۇ خىل بىنورماللىقنىڭ بارغانچە نورماللىققا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى.
«كۆرۈۋاتقان بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كېمەيتىش تەدبىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق بىر بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى. بۇنداق دېيىشىمىزگە ئۇلارنىڭ بۇ لايىق تونۇشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، ئۇنىڭدا پەقەتلا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ بېرىپ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇيغۇر يىگىتلەر تىلغا ئېلىنمايدۇ، بۇ مەنتىقىسىزلىقنىڭ ئۆزىلا ئىسپات ئەمەسمۇ؟ بىز ئۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۇق؛ خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىزىقتۇرۇپ نوپۇس يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئەھۋاللارغىمۇ شاھىت بولدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان نوپۇس قىرغىنچىلىقى. بۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئېلان قىلغان دۆلەت تېررورلۇقى بولۇپ، ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاتالمىش سودا شىركەتلىرى ۋە ياكى تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان ئاتالمىش لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقتا. ب د ت دا خىتاي ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى يوشۇرۇشتىمۇ ئوخشاش تاكتىكىنى قوللانغانىدى. »
ما جۈ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :
«ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ياكى كىچىكلىتىپ كىشىلەرنى نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماس قىلىپ قويۇشتۇر. ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارنىڭ كۆپلۈكىدە بۇلار ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىغا يېتەرلىك پاكىت. ئەپسۇسكى نۇرغۇن ئىنسانلار بۇلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ. شۇڭا خىتاي مۇشۇ ئورۇنلارنىڭ ياردىمى بىلەن قارىماققا خۇددى ئۇلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن توي قىلىۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئاشكارا داۋام قىلدۇرالىشى خەلقئارادا كىشىلىك قوغداش پىرىنسىپلىرىغا ھەقىقىي تۈردە ئېتىبار بېرىلمەسلىككە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ؛ ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى بىخۇدلۇقى بولسا خىتايغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنداق پايدىلىق شارائىتتا ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى رەھىمسىز مۇستەملىكىسىنى ئەنە شۇ ئۇسۇللاردا تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. »
ئادريان زېنز: «بۇ خىتاينىڭ سىستېمىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى! »
ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملاردىن دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى :
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەتلەر-ئارا تويلىشىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى مېنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىمدا تىلغا ئېلىنغان. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشى-ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ ئەھۋالمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ‹مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى› نى بۇزۇپ تاشلاشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك سىستېمىلىق پىلانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدىنمۇ ھەيران قالمىدىم. بولۇپمۇ شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىشلار نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگېرلارغا قامالغان ۋە تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن، يەنە نۇرغۇنلىرى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرمەكتە. بۇ بوشلۇقنى بولسا ئۇلار خىتاي ئەرلىرى ئارقىلىق تولدۇرماقتا. بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان پىلاننىڭ بىر قىسمى. »
دوكلات ۋە ئانالىزلاردا: «باش پىلانلىغۇچى-شى جىنپىڭ! »
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەگەر خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان قىزلار ياكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشنى رەت قىلسا جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەت-ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
شى جىنپىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا «مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەدبىرلىرى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 2016-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان نىكاھ يېشىدىكى ئەرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېر سىياسىتى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي نىكاھلىنىشى ئېغىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.
غەرب دۇنياسىدا «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە جاۋابكارى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان شى جىنپىڭ 2023-يىلى 26-ئاۋغۇستتا ئۇشتۇمتۇت ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، پارتكوم ۋە بىڭتۈەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق بىلجىرلاشلىرىدىن قەتئىينەزەر پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ سىياسەتلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى تەلەپ قىلغانىدى.
«سىياسەتچى» تورىنىڭ 26-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى» ناملىق ماقالىسىدە، «شى جىنپىڭ خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكچى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئانتروپولوگ، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ، -28 ئاۋغۇست بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىنىدا «شىنجاڭ بىلەن مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىچكى رايونلاردىكى كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىچكى رايونلارغا ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشنىڭ خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن داۋام قىلىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى يۆتكەش خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە ماس كېلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى. نوپۇس يۆتكەش مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر ئامىلى» دېگەنىدى.