خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئارا توي قىلىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە تەشۋىقاتى كارغا كەلمىگەندە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوتەن كېرىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي كادىر، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن ئۆيلەنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندا %20 دىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ يەنى، ياش ئەركەكلەر نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىدەك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتىن پايدىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بۇ ناھىيەنىڭ ئويتوغراق يېزىلىق ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خادىم، ئۆزىنىڭ يۇرتى خېنەن ئىكەنلىكى، 2 يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ شەرقى شىمال ئونىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 500 چە يۇرتدىشى بىلەن بىرلىكتە خوتەنگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ خادىم، «ئاراڭلاردا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن توي قىلغانلار بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن «بار، خېلى جىق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلغانلارنىڭ سانىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزى تونۇيدىغانلار ئىچىدىنلا، ئاز دېگەندە 30-40 چە كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىز ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ ھەقتە قەشقەر پەيزىۋاتتىكى بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىشلەۋاتقان بىر خادىمنى زىيارەت قىلغانىدۇق، ئۇنىڭ بايانلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئارا توي قىلىشنى يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۈچەپ تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئىككى مىللەت ياشلىرىنى ئۇچراشتۇرىدىغان مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تەييارلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
كېرىيەدىكى مەزكۇر خىتاي خادىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئارا توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە ئەمما زورلىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ رايوندا، %30-%20 نوپۇسنىڭ، يەنى ئەركەكلەر نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىدەك بىر رېئاللىقىنى ئىنكار قىلمىدى؛ ئۇ يەنە بۇ رېئاللىقنىڭ، ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ئۆيلەنمەكچى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوڭۇشلۇق بىر شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.
ئىلگىرىكى يەنە بەزى خەۋەرلەردە، بەزى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قويغان توي قىلىش تەلىپى رەت قىلىنغاندا، مەزكۇر قىز ئۈستىدىن «ئىدىيەسىدە سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلە بار» دەپ ئاساسى قاتلامدىكى ئىدارە-ئورگانلارغا ئەرز سۇنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «100 نەپەر ياشنى مىللەتلەر ئارا ئۆيلەندۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس بىر ئېلانمۇ تارقالغانىدى.
مەزكۇر خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيەدە كۆپىنچە ئائىلىلەردە، ئەر ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى قىسمى، بالىلار، قىزلار ۋە ياشانغانلار بولغاچقا، ئائىلىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان ۋە بەزىلىرى موھتاجلىق دەستىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆيلىنىش تەلىپىنى رەت قىلالمىغان. مەزكۇر خادىم يەنە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن توي قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەقسىز ئۆي بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.