كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن

0:00 / 0:00

7-نويابىر كۈنى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو (Justin Trudeau) كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىش باش مىنىستىر جاستىن ترودو ئەپەندىنىڭ پارتىيەسى بولغان كانادا لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ مونترىيال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە يىغىش پائالىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 100 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان بۇ ئىئانە يىغىش زىياپىتىگە كانادادىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا كانادادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ، جەمئىي 10 كىشى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» پروگرامما يېتەكچىسى قېيۇم مەسىموف ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە شۇنداقلا يېقىندا كاناداغا 10 مىڭ نەپەر ئۇيغۇرنى كۆچۈرۈپ كېلىش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. سامىر زۇبەرى ئەپەندى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭمۇ قۇرغۇچى ئەزاسىدۇر.

كانادا لىبېراللار پارتىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ زىياپەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار، زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو ئەپەندى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلىرىنى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار باش مىنىستىردىن نوقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش، كانادادىكى پېنسىيە فوندلىرىنىڭ زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە سېلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سوئال سورىغان.

قېيۇم مەسىموف ئەپەندى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئەپەندىدىن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن چىقىرىدىغان ياكى چىقارمايدىغانلىقىنى سورىغان. باش مىنىستىر بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قېيۇم مەسىموف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان رەسمىي ئۇچرىشىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ پۇرسەتتە كانادا باش مىنىستىرى ترودوغا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنىمۇ بەرگەن.

كانادا پارلامېنتى 2021- يىلى 2- ئايدا، يەنى ئامېرىكادىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىش ۋە شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكادەك كونكىرېت قانۇنلارنى چىقىرالمىغان ئىدى.

ئەمما يېقىندا، يەنى 24-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چەت ئەللەردە سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان ئون مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپ لايىھەسىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، بۇ جەھەتتە بۆسۈش خاراكتىرلىق بىر قەدەم باسقان. كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ M-62 نومۇرلۇق بۇ تەكلىپ لايىھەسى كانادا پارلامېنتىدا ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تولۇق قوللىشى، يەنى نۆلگە قارشى 258 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ باشلىقى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدا ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترودونىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكىرېت قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى. ئۇ يەنە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.